Uyghur主要词典
ئاستا ئاستا
مەنىداش سۆزلۈكلەر
«ئاستا - ئاستا» رەۋىش: ئىش - ھەرىكەتنى ئۆز يولى بىلەن، تەرتىپ بىلەن يۈرگۈزۈش.
پەيدىنپەي ئىلگىرىلەش _ سەكرەپ ئىلگىرىلەشتىن مىڭ ياخشى. بۇ ئىش مۇرەككەپ، تەدرىجىي ھەل قىلىندۇ. قانداق قىلاتتۇق، ئىش دېگەن بىرۋاراقى پۈتىدۇ. نېمە ئالدىرايسەن، بىر ئۇچقاچ قىلارمىز. مۇسۇلمانچىلىق ئاستا_ ئاستا.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
بەك تېز ئەمەس، پەيدىنپەي، تەدرىجىي
دەرھال، دەررۇ، ھەش - پەش دېگۈچە، كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە، ھايت - ھۇيت دېگۈچە، ھاي - ھۈي دېگۈچە
ناھايىتى تېز، تېزلىكتە.
مۇسۇلمانچىلىق ئاستا - ئاستا. ئالدىرماي ماڭغان مەنزىلىگە بالدۇر يېتىدۇ. ئىشنى ئالدىرماي - سالدىرماي پۇختا قىل. يالغان قۇيرۇق دەرھال ئۈزۈلىدۇ. ھەقىقەت يېقىنلاشسا، سەپسەتە دەررۇ قاچىدۇ. نامنى ساقلاش ئۆمۈرلۈك ئىش، ئۇنىڭدىن مەھرۇم بولۇش ھەش - پەش دېگۈچە. بۈگۈنىڭىز كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئەتىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. كىم بىلىدۇ، بەخت سىزدىن ھايت - ھۇيت دېگۈچە كېتىپ، باشقا بىرىنى تېپىۋالار. ھاي - ھۇي دېگۈچە كەچ كىرىدۇ. ئەتىڭىزنى ئويلىدىڭىزمۇ؟ ئىشىمىز بىر ۋاراقى ئىزغا چۈشتى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
تۆۋەن سۈرئەت بىلەن، ئالدىرىماي.
ئاسماندا بىر پارچە ئاق بۇلۇت ئاستا - ئاستا ئۈزۈپ ئۆتمەكتە ئىدى.
پەيدىنپەي، تەدرىجىي ھالدا، تەدرىجىي.
سوغۇق، ئاچلىق ۋە ئۇيقۇسىزلىقنىڭ دەردى ئۇنى ئاستا - ئاستا ماغدۇرسىزلاندۇرۇپتۇ.