Uyghur主要词典
ئاسپارۇخ
دۇنيا تارىخى
(تەخمىنەن مىلادى 646 - 701) ئىسپېرىخ دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇلغارىيە خانى (تەخمىنەن 670-701). مىلادى Ⅶ ئەسىرنىڭ 70-يىللىرى ئاۋارلارنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچرىغانلىقتىن، بىر قىسىم بۇلغارلارنى باشلاپ ۋولگا دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىنى ۋە ئازوۋ دېڭىزى بويلىرىدىن غەربكە كۆچكەن، كېيىن دۇنيا دەرياسىدىن ئۆتۈپ، ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسىگە قاراشلىق دوبرۇجادا ئولتۇراقلاشقان. كېيىن يەرلىك سلاۋيانلار بىلەن بىرلىشىپ، 681-يىلى (يەنە بىر ئېيتىلىشىچە 679) ۋىزانتىيە پادىشاھى كونستانتىن Ⅳ (668 - 685-يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان) نى مەغلۇپ قىلىپ، رەسمىي دۆلەت قۇرغان. تارىختا ئۇ تۇنجى بۇلغارىيە پادىشاھلىقى (681 - 1018) دەپ ئاتىلىدۇ.