Uyghur主要词典
ئاشىكاگا يوسمىتسۇ
دۇنيا تارىخى
(1358 - 1408) ياپونىيە مۇروماچى شوگناتىنىڭ ئۈچىنچى ئەۋلاد سىياگۇنى. ئاشىكاگاگىسېن (1330 -1367) نىڭ چوڭ ئوغلى. ئەركىلەتمە ئىسمى خارۇخان. 1368-يىلى ياۋلارغا جازا يۈرۈش قىلغۇچى باش سىياگۇنلۇق مەنسىپىگە ۋارىسلىق قىلغان. خوجىدار خوسوكاۋا يورىئوئكىنىڭ ياردىمى بىلەن ئۆتىچىلەرنى باستۇرۇپ، ھاكىمىيەت تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلغان. 1378-يىلى كىيوتونىڭ مۇروماچى دېگەن يېرىدە <گۈللۈك ئورداگاھ> سالدۇرۇپ، شوگناتنى شۇ يەرگە يۆتكەپ كېلىپ ئىش بېجىرگەن. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن مۇروماچى شوگۇنلۇقى دەپ ئاتالغان. 1394-يىلى سىياگۇنلۇق مەنسىپىنى ئوغلى يوشىكىغا ئۆتۈنۈپ بېرىپ، ئۆزى مەمۇرىيەت بېگى بولغان. ئىككىنچى يىلى خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىپ، راھىب بولغان. ئەمما ئەمەلىي ھوقۇقنى قولىدا تۇتۇپ كەلگەن. 1392-يىلى شىمال -جەنۇب سۇلالىلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرگەن. 1390 -( 1399-يىللىرى يامانا، ئۇئۇچى قاتارلىق يەرلىك ياساۋۇل بېگى تەسىر كۈچلىرىنى باسقان. 1401-يىلى )ياپونىيىنىڭ ئۆناگانىڭ 8-يىلى، مىڭ سۇلالىسى جيەنۋىننىڭ 3-يىلى( جۇڭگو بىلەن ئالاقە باغلاپ، دېڭىز قاراقچىلىرىنىڭ جۇڭگوغا پاراكەندىچىلىك سېلىشىنى مەنئىي قىلغان. سودىنى يولغا قويۇپ، شوگناتنىڭ مالىيە قىيىنچىلىقىنى پەسەيتكەن.