Uyghur主要词典
ئاشيان
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
ئۇۋا.
ئۆينىڭ يۇقىرى قەۋىتى.
ئۆي - جان؛ ماكان، ۋەتەن.
شەجەردىن كۆرۈنمەس ئىدى ئاسمان،
كى بىر شاختىن ئەتتى چىقىپ ئاشيان.
ئا. نىزارى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
ئۇۋا، ئىن، ماكان، ياتاق، ئۆي قەۋىتى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
چەرەندە - پەرەندىلەرنىڭ ياشاش ۋە كۆپىيىشىگە لايىق ياسىۋالغان ئۆيى، جايى.
<پەغەز>، <كاتەك> ئادەم تەييارلىغان ئۇۋا.
مۇشتۇمدەك قۇش يۈرەكتەك ئۇۋا سالار. سايرىغان قۇش چاڭگا سالماس. چاڭگا بۇزۇلسا، تۇخۇم ساق قالماس. قۇش ئاشيانىسى بىلەن، ئادەم ئاشناسى بىلەن. تۈلكە ئايەت ئوقۇسا، غازنى كاتەككە سال. كەپتەرگە پەغەز، خەتكە قەغەز.