Uyghur主要词典
ئارتۇردى
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئون يارماق ئۈزە بىر ئارتۇردى _ ئون يارماق ئۈستىگە بىر يارماق ئارتتۇردى. ئەر ئارتۇردى _ ئادەم ھەددىدىن ئاشتى ( ئارتۇرۇر _ ئارتۇرماق). شېئىردا مۇنداق كەلگەن:
كەلدى بەرۈ ئارتۇرۇ
بېردى ئېلىن ئارتۇرۇ
مۇندا قالىپ ئولتۇرۇ
بۈگرى بولۇپ ئۈن پۈتەر
{ھەددىدىن ئېشىپ بېرى (بىز تەرەپكە) كەلدى،
ئېلىنى ئۈستىلەپ بەردى،
بۇ يەردە ئۇنى پۈتۈپ،
مۈكچىيىپ ئولتۇرۇپتۇ.}
ئەسىر چۈشكەن بىر بەگ توغۇرلۇق سۆزلىنىدۇ: بەگ بىزگە ھەددىدىن ئېشىپ ھۆكۈرەپ، نۇرغۇن ئەسكەر بىلەن بېسىپ كەلگەن ئىدى، ئاخىر بىزگە ئۆز ئېلىنىمۇ ئۈستەك قىلىپ بەردى، ئەمدى بىزنىڭ يېنىمىزدا بېلى مۈكچىيىپ، دېمى ئىچىگە چۈشۈپ ئولتۇرۇپتۇ.
1 - 293