Uyghur主要词典
ئارتماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بارغا يەنە قوشۇلماق.
ھەممە نەرسە كۆپەيسە ئەرزانلايدۇ، بىلىم قانچە مول بولسا شۇنچە قىممەتلەيدۇ. ئىشلەپچىقىرىش يىلدىن - يىلغا ئارتماقتا، تەننەرخ يىلدىن - يىلغا چۈشمەكتە. بىلىم كۈنسېرى ئاشمىسا، ئۈزلۈكىسىز ئازلايدۇ. ئاش جىقلىسا، كۈچ ئاشىدۇ.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
ئارتماق، كۆپەيمەك
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
كۆپەيمەك، ئاشماق.
4 - سىنىپتىن باشلاپ، بالىلارنىڭ ئىگىلىگەن بىلىمى يىلدىن - يىلغا ئارتىپ بارىدۇ.
كۆچمە. كۈچەيمەك، ئۆرلىمەك، ئۆسمەك.
چۆمۈپ چەكسىز شادلىق قوينىغا، ئۆز يۇرتىغا ماڭدى ئۇ قايتىپ. تاغ - داۋانلار قالغانچە كېيىن، خۇشاللىقى باراتتى ئارتىپ.
مەلۇم بىر چېگرا، مىقدار ياكى چەكتىن ئاشماق، ئۆتمەك.
بۇ باھا ئەسلىي باھاسىدىن ئون پىرسەنت ئارتىپ كېتىپتۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
يۈكنى ترانسىپورت ۋاستىسىنىڭ ئۈستىگە، ئىچىگە جايلاشتۇرماق، يۈكلىمەك.
سىنىمىغان ئاتقا يۈك ئارتما (ماقال).
كۆچمە. زىممىسىگە يۈكلىمەك، بوينىغا قويماق، تاڭماق.
مەسئۇلىيەتنى ئارتماق.
شۆھرىتىڭ - شانىڭ ئۈچۈن بوغدانى سەن ئارتساڭ ماڭا. دەس تۇرۇپ قەددىمنى پۈكمەي، مەنزىلىڭگە كۆتۈرەي.
كۆچمە. دۆڭگىمەك، ئىتتىرىپ قويماق.
قاراپ تۇرۇپ ئۆزى قىلغان ئىشنى باشقا ئادەمگە ئارتىپ قويسا بولامدۇ؟