Uyghur主要词典
ئارىستونىڭ قوزغىلىڭى
دۇنيا تارىخى
مىلادىدىن 133 يىل ئىلگىرى پېرگامۇم پادىشاھلىقى (كىچىك ئاسىيا) دا قوزغالغان رىم ئىشغالىيەتچىلىرى ۋە ئۆز دۆلىتىنىڭ ھۆكۈمرانلىرىغا قارشى قوزغىلاڭ. ئارىستونىڭ پېرگامۇم خان جەمەتىدىن بولغان ئېئۇمېنېس Ⅱ بىلەن دېدەكنىڭ نىكاھسىز تۇغۇلغان بالىسى بولۇپ، كىچىك ۋاقتىدا قۇللار ۋە نامراتلار ئىچىدە تۇرمۇش كەچۈرگەن. مىلادىدىن 133 يىل ئىلگىرى پادىشاھ ئاتتالوس Ⅲ ۋەسىيەت قالدۇرۇپ، دۆلەت زېمىنىنى رىمغا تەقدىم قىلماقچى بولغاندا، ئارىستونىڭ قۇللار ۋە دېھقانلارنى باشلاپ قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن. رىم ئىشغالىيەتچى قوشۇنىنى ئارقا - ئارقىدىن مەغلۇپ قىلىپ، كەڭ زېمىننى كونترول قىلغان ۋە ئۆزىنى پادىشاھ قىلىپ تىكلەپ، «قۇياش دۆلىتى» نى قۇرۇپ چىققان . ئەركىنلىك، باراۋەرلىك، دوستانىلىق دېگەنلەرنى شوئار قىلىپ، ئىتائەت قىلغۇچىلار بارغانسېرى كۆپەيگەن. دەسلەپتە رىم ھۆكۈمرانلىرى سىتسىلىيە قۇللار قوزغىلىڭىغا تاقابىل تۇرۇش بىلەن بولۇپ كەتكەنلىكتىن، شەرق بىلەن ھەپىلىشىشكە چولىسى تەگمىگەن. مىلادىدىن 131 يىل ئىلگىرى، رىم سېناتى كونسۇل كراسنى باستۇرۇشقا ئەۋەتكەن؛ كراس مەغلۇپ بولغان. قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى ئارقا - ئارقىدىن بىر نەچچە شەھەرنى ئىگىلەپ، تازا روناق تاپقان. رىم يەنە پېرپېرنانى زور قوشۇن باشلاپ قوزغىلاڭچىلارنى مۇھاسىرىگە ئېلىشقا ئەۋەتكەن. مىلادىدىن 130 يىل ئىلگىرى ئارىستونىڭ ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇپ، ئەسىرگە چۈشكەن، كېيىن رىمغا يالاپ كېلىنىپ، ئۆلتۈرۈلگەن (تەخمىنەن مىلادىدىن 128 يىل ئىلگىرى)، پېرگامۇم رىم زېمىنىغا قوشۇۋېتىلگەن.