Uyghur主要词典
ئارىسالدى
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئىككىلىنىپ تۇرىدىغان، بوشاڭ.
كەسكىن
كېسىپ، ئۈزۈپ ئىش قىلىدىغان.
كەسكىن ئۇستازنىڭ كايىشى مېھرىبان ئانىنىڭ ئەركىلىتىشىدىن ياخشى. ئارىسالدا ئېشەكنى بۆرە يەر. دېلىغۇلنىڭ دىلى يۇمشاق، قولى گال. لىڭتاسمىغا ھاجىتىڭ چۈشسە، تاسماڭنى چىڭراق باغلاپ بار. لاتا غىلاپ - غىلاپ بەندىسى. دېلىغۇل دەرد تارتىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپ. قانداق قىلىشنى، نېمە قىلىشنى بىلمەي قالغان؛ ئىككىلەنگەن.
ئارىسالدى كىشى.
ئارىسالدى ئېشەكنى بۆرە يەپتۇ (ماقال).
سۈپ. جىددىيلىك، ئالدىراشلىق پەسەيگەن، بوشىغان.
ئارىسالدى ۋاقىت، ئارىسالدى پەيت، ئارىسالدى مەزگىل.
رەۋ. قانداق قىلىشنى، نېمە قىلىشنى بىلمەي، ئىككىلىنىپ.
ئارىسالدى بولماق.
ئۇنىڭ سوئالىغا: - يوق دېگىلى بولمايدۇ، - دەپ ئارىسالدى جاۋاب بەردى يۇنۇس.