Uyghur主要词典
ئارسلانخان مازىرى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ قەشقەردىكى مازار بولۇپ، 998 _ يىلى ئارسلانخان خوتەن بۇددا ھاكىمىيىتىنىڭ قوشۇنى بىلەن بولغان جەڭدە شېھىت بولۇپ، ئۇنىڭ بېشى مۇشۇ يەرگە ئېلىپ كېلىنىپ دەپنە قىلىنغان. مازار ئېگىزگە سېلىنغان. گۈمبەز ياسالغان، دەرۋازا قويۇلمىغان ۋە مەسچىت سېلىنمىغان . يەكەن خانلىقىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ( XVI ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ) مازار رېمونت قىلىنغان. لېكىن، قاراخانىيلار سۇلالىسى (910 _ 1212 ) دەۋرىدىكى بىناكارلىق ئۇسلۇبى ساقلاپ قېلىنغان.