Uyghur主要词典
ئاراⅠ
ئاراⅠ[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىككى نەرسە ياكى ئىككى نۇقتا ئوتتۇرىسىدىكى مۇساپە، ئارىلىق:[مىسال:] بېخىلغا قول بىلەن يانچۇقنىڭ ئارىسى 40 كۈنلۈك يول (ماقال).[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قاتار، سەپ؛ ئوتتۇرا:[مىسال:] ئارىغا ئالماق. ئارىغا قاتماق. * مەن ئۈچ ئوغۇل ئارىسىدا بىرلا قىز ئىدىم.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىككى ۋەقە، ھادىسە ياكى پەيت ئوتتورىسىدىكى ۋاقىت؛ پۇرسەت:[مىسال:] ئارىدىن ئالتا ئاي ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، زۇلال ئۇنى بىرەر قېتىممۇ يوقلىمىدى.[يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا مۇناسىۋەت؛ ئالاقە:[مىسال:] ئارىنى بۇزماق، ئارىنى ئۈزمەك.[يەشمىسى:] ⑤ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ياخشىمۇ ئەمەس، يامانمۇ ئەمەس، چوڭمۇ ئەمەس، كىچىكمۇ ئەمەس، ئېگىزمۇ ئەمەس، پەسمۇ ئەمەس؛ ئوتتۇرا ھال:[مىسال:] ئارا پاشنا. ئارا بوي. * بۈگۈن بازاردىن سېتىۋالغان ماللىرىمىز ئالاھىدە مالمۇ ئەمەس، ئارا نەرسىلەر.[يەشمىسى:] ⑥ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قولى بوش، قولىدا ئىش يوق؛ بىكار:[مىسال:] مەريەم ھەدە، خىزمەتنىڭ ئارا ۋاقىتلىرىدا يېڭى كىتابلارنى كۆپرەك ئوقۇپ بېرىڭ. مۇنداق كىتابلار مەندە بار، دەپ مەسلىھەت بەردى ئايتۇرسۇن.[يەشمىسى:] ⑦ [سۆز تۈركۈمى:] تىركەلمە.[يەشمىسى:] 1) باش كېلىشتىكى ئايرىم ئىسىملارنىڭ كەينىگە تىركىلىپ كېلىپ «ئارىسىدا، ئارىلاپ» دېگەن مەنىدە كېلىدۇ:[مىسال:] باغ ئارا سەيلە قىلشتىن مەڭگۈ ئەلا كەشپىيات، ئاتىغىن ئۆمرۈڭنى پەنگە مەنىلىك ئۆتسۈن ھايات.[يەشمىسى:] 2) باش كېلىشتىكى ئايرىم ئىسىملارغا تىركىلىپ كېلىپ، «ئوتتۇرىسىدا» دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ:[مىسال:] كىممۇ بىلمىسۇن بۇ ئۆيدە شۇ كۈن، ئەر-خوتۇن ئارا بولغان تەنىنى.