Uyghur主要词典
ئادېنائوئېر
دۇنيا تارىخى
(1876 - 1967) سابىق گېرمانىيە، فېدېراتىپ جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭلىسى (1940 - 1963)، خرىستىئان دىنى دېموكراتىك ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى (1949 - 1966). كىيولىندا ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئەمەلدار ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. فرېيبۇرگ، ميۇنخېن، بونن ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ئوقۇغان. 1917-يىلى كىيولىن شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقلىقىغا سايلانغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، كاتولىك دىنى مەركەز پارتىيىسىگە قاتنىشىپ، بۇ پارتىيىنىڭ داھىيىسى بولغان. 1920 - 1932-يىللىرى پرۇسسىيە شتات پارلامېنتىنىڭ باشلىقى بولۇپ سايلىنىپ، رېين رايونىدىكى كاپىتالىستلار ئوتتۇرىغا قويغان «رېين دۆلىتى» قۇرۇش تەشەببۇسىنى قوللىغان، 15 چوڭ شىركەتنىڭ مۇدىرىيىتىگە قاتنىشىپ، نۇرغۇن مالىيە گۇرۇھلىرى بىلەن ئالاقە ئورناتقان. 1933-يىلى گىتلېر تەختكە چىققاندىن كېيىن ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان. 1934-يىلى سىلىيچېر ۋەقەسىگە چېتىشلىق دەپ قولغا ئېلىنغان، 1944-يىلى «20-ئىيۇل» ۋەقەسىگە چېتىشلىق دەپ ئىكى قېتىم قولغا ئېلىنغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن قايتىدىن كىيولىن شەھىرىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلىنىپ، خرىستىئان دىنى دېموكراتىك ئىتتىپاقىنى قۇرغان؛ گېرمانىيە قوشما شتات جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇشقا قاتناشقان. 1949-يىلى 9-ئايدا فېدېراتىپ گېرمانىيىنىڭ تۇنجى زۇڭلىلىقىغاتەيىنلىنىپ، ئۇدا تۆت نۆۋەت زۇڭلى بولغان. 1951 - 1955-يىللىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنى قوشۇمچە ئۆتىگەن. ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغان مەزگىلىدە ئامېرىكا بىلەن زىچ ھەمكارلىشىشنى تەشەببۇس قىلىپ، غەربىي ياۋروپا بىلەن بىرلىشىشنى كۈچەيتكەن ھەمدە فېدېراتىپ گېرمانىيىنىڭ ئىقتىسادىي كۈچىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن ۋە راۋاجلاندۇرغان. «ئادېنائوئېر ئەسلىمىلىرى» دېگەن ئەسىرى بار.