Uyghur←Chinese主要词典
ئاقسىللىق پەردە
بىئولوگىيە
巩膜
gǒngmó
<كۆز ئېقى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ ئادەم ۋە باشقا ئومۇرتقىلىق ھايۋانلارنىڭ كۆز ئالمىسى سىرتقى دىۋارىنىڭ بىر تەركىبىي قىسمى بولۇپ، سىرتقى پەردە يۈزىنىڭ تەخمىنەن ئالتىدىن بەش قىسمىنى ئىگىلەيدۇ. ئۇ ئالدى تەرەپتىكى سۈزۈك مۈڭگۈز پەردە بىلەن تۇتاشقان بولىدۇ. ئاقسىللىق پەردە تالالىق پەردە بولۇپ زىچ بىرىكتۈرگۈچى توقۇلمىلاردىن تۈزۈلگەچكە، سۈتتەك ئاق، قېلىن ھەم پۇختا (مۇستەھكەم) بولۇپ، تىرەك بولۇش ۋە كۆز ئالمىسىنىڭ ئىچىدىكى ماددىلار (تۈزۈلۈشلەر) نى قوغداش رولىغا ئىگە. ئادەتتە ئېيتىلىۋاتقان كۆز ئېقى بولسا، ئاقسىللىق پەردىنىڭ بىر قىسمىدىن ئىبارەت، كېسەللەردە سېرىقلىق (ئاۋرىگو) يۈز بەرگەندە ئاقسىللىق پەردە سارغىيىپ كېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن كېسەلگە دىئاگنوز قويۇشقا ياردىمى بولىدۇ.
تېببىي
蛋白质膜
dàn bái zhì móDئۇنىۋېرسال
巩膜
gǒng mó