Uyghur←Chinese主要词典
ئاقسىللار
بىئولوگىيە
蛋白质
dànbáizhì
ئاقسىل 20 خىلدىن ئارتۇق ئامىنو كىسلاتاسىنىڭ مۇئەييەن تىزىلىش تەرتىپى بويىچە پېپتىد بېغى ئارقىلىق تۇتىشىشىدىن ھاسىل بولغان چوڭ مولېكۇلا. ئۇ جانلىقلار تېنىنى تۈزگۈچى ئەڭ مۇھىم بىر تۈردىكى ئازوتلۇق بىرىكمە بولۇپ، ھاياتلىقنىڭ ماددىي ئاساسىدۇر. ئۇ بارلىق ھاياتلىق پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىپ، ھەر خىل فىزىئولوگىيىلىك فۇنكىسىيىلەرنى تاماملايدۇ. بارلىق ئورگانىزملاردا مېتابولىزم ئېلىپ بېرىلىشتا كەم بولسا بولمايدىغان كاتالىزاتوردۇر. مېتابولىزمدا تەڭشەش رولىنى ئوينايدىغان گورمونلار، قوغدىنىش فۇنكىسيىسىگە ئىگە بولۇپ، ئىممۇنىتېتلىق جاۋاب قايتۇرۇشقا قاتنىشىدىغان ئىممۇنىتېت كلوبۇلىنى، تولۇقلىغۇچى ئىتېرفېرون قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئاقسىللارغا كىرىدۇ. جانلىقلار تېىنىنىڭ <ئىسكىلىت> تەركىبى بولىدۇ، مەسىلەن، كوللاگېنلىق تالا قاتارلىقلار. توشۇش فۇنكىسىيىسى، مەسىلەن، ئومۇرتقىلىق ھايۋانلارنىڭ قىزىل قان ھۈجەيرىسىدىكى گېمۇگلوبىن ۋە ئومۇرتقىسىز ھايۋانلارنىڭ قېنىدىكى گېموسىئانىن، β 1 - ياغ ئاقسىلى قاتارلىقلار. ھەرىكەتلىنىش فۇنكىسىيىسىگە ئىگە بولغان ئاقسىللاردىن ئاكتىن ۋە ميۇزىنلار بولۇپ، مۇسكۇللارنىڭ ئۇزىراپ - قىسقىرىشىدىكى ئاساسىي ماددا ھېسابلىنىدۇ. بىئو پەردىدىكى تۈزگۈچى ئاقسىللارنىڭ ھەممىسىمۇ ئاقسىللارغا كىرىدۇ. ئاقسىللارنى تەجرىبىخانا شارائىتىدا خىمىيىلىك سىنتېزلاش يولى ئارقىلىق سۈنئىي سىنتېزلاش مۇمكىن. 1965 - يىلى جۇڭگو ئالىملىرى دۇنيادا تۇنجى قېتىم كالا ئىنسۇلىنىنى سىنتېزلاپ چىقاننىدى. فىزىئولوگىيىلىك شارائىتتا ئاقسىللارنى گىدرولىزلىغۇچى ھەر خىل ئېىنزىملارنىڭ تەسىرىدە ئاقسىللار قايتىدىن پارچىلىنىپ قىسقىراپ ئامىنو كىسلاتالىرىغا ئايلىنىدۇ. تەجرىبىخانا شارائىتىدا ئاقسىللار كىسلاتا، ئىشقارلاردا گىدرولىزلىنىش ئارقىلىقمۇ پارچىلىنىپ قىسقىرايدۇ. ئاقسىللار كەك كۆلەمدە ئىشلىتىلىدۇ، ئۇ ئومۇرتقىلىق ھايۋانلار ۋە ئىنسانلارنىڭ ئەڭ مۇھىم يېمەكلىك ئوزۇقلىرىنىڭ تەركىبى قىسمى. ئاقسىللار مولېكۇلىسىنىڭ ئوق نىسبىتى (ئوردىناتسى بىلەن ئابسىساسىنىڭ نىسبىتى) گە ئاساسەن شارسىمان ۋە تالاسىمان ئاقسىللارغا بۆلۈنىدۇ. ئۇلار ئېرىشچانلىققا ئاساسەن. ئالبۇمىن، گلوبۇلىن، ئىسپرىتتا ئېرىگۈچى ئاقسىل ۋە ئېرىمەيدىغان قاتتىق ئاقسىللارغا بۆلۈنىدۇ. تۈزۈلۈشىگە ئاساسەن ئاددىي ئاقسىل ۋە مۇرەككەپ ئاقسىللارغا بۆلۈنىدۇ. ئاددىي ئاقسىللار پۈتۈنلەي ئامىنو كىسلاتالىرىدىن تۈزۈلىدۇ، مۇرەككەپ ئاقسىللار بولسا، ئاددىي ئاقسىللار بىلەن باشقا ماددىلارنىڭ بىرىكمىسىدۇر. تەركىبىدىكى باشقا ماددىلارغا ئاساسەن، يادرو ئاقسىلى، قەنت ئاقسىلى، ياغلىق ئاقسىل، پىگمېنتلىق، فوسفورلۇق ئاقسىللارغا بۆلۈنىدۇ. ئاقسىللار يېمەكلىكلەردىكى ئوزۇقلۇقلارنىڭ مۇھىم تەركىبى بولۇپ، تەركىبىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئېھتىياجلىق ئامىنو كىسلاتالىرى بولغانلىرى <تولۇق ئاقسىل> دەپ ئاتىلىدۇ، مەسىلەن، كازېئىن، تۇخۇم ئاقسىلى، گلىتسىنىن (سويا شارچە ئاقسىلى) قاتارلىقلار. بەزى ئېھتىياجلىق ئامىنو كىسلاتالىرى كەمچىل بولغان يېمەكلىك ئاقسىللىرى <تولۇق بولمىغان ئاقسىل> دەپ ئاتىلىدۇ، مەسىلەن، ژېلاتىننى بىردىنبىر ئاقسىل ئورنىدا يېمەكلىك قىلىنسا، ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك كېسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يۇڭ، مۈڭگۈ، تۇياق، تېرە قاتارلىقلار يېنىڭ سانائەتنىڭ خام ئەشياسى قىلىنىدۇ. ئچىكى ئەزالار ئاقسىل تۈرىدىكى دورىلار (مەسىلەن: ستوخروم Cقاتارلىق) نى تەييارلاشنڭ ئىنتايىن ياخشى خام ئەشياسىدۇر.