Uyghur主要词典
ئاقىشدى
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئېقىشتى.
سۇۋلار ئاقىشدى _ سۇلار ئېقىشتى. شېئىردا مۇنداق كەلگەن:
قار بۇز قامۇغ ئەرۈشدى
تاغلار سۇۋى ئاقىشدى
كۆكشىن بۇلىت ئۆرۈشدى
قايغۇق بولۇپ ئەگرىشۈر
{قار، مۇز تامام ئېرىشتى،
تاغلار سۈيى ئېقىشتى،
كۆكۈش بۇلۇت (لار) ئۆرلەشتى،
قېيىق بولۇپ ئايلىنار.}
يازنى تەسۋىرلەپ شۇنداق دېيىلىدۇ: قار ۋە مۇزلارنىڭ ھەممىسى ئېرىدى، تاغ سۇلىرى ئاقتى؛ كۆكۈش بۇلۇتلار ھاۋاغا ئۆرلەپ چىقتى، ئۇلار ھاۋاغا ئۆرلەپ چىقتى، ئۇلار خۇددى قېيىقلار سۇدا ئۈزگەندەك ئاسماندا ئۈزمەكتە.
1 - 250