Uyghur主要词典
ئاقىلانىلىك ھېسسىياتى
پسىخولوگىيە
كىشىنىڭ ئەقلىي پائالىيىتى جەريانىدا پەيدا بولىدىغان تۇيغۇسى. بۇ خىل ھېسسىياتنى كىشىنىڭ بىلىش پائالىيىتىدىكى ئېھتىياجى، بىلىم ئېلىشقا قىزىقىشى، ھەقىقەتنى ئىزدىنىشى قوزغايدۇ. بۇ پرىنسىپقا، لوگىك تەپەككۇر پائالىيىتىگە ئۇيغۇن ئىدىيىلەرگە قارىتا مۇئەييەنلەشتۈرۈش ھېسسىياتى تۇغۇلۇشى، ئەكسىچە بولغاندا ئىنكار قىلىش ھېسسىياتى تۇغۇلۇشىدا ئىپادىلىنىدۇ. مەسىلەن: مەلۇم بىر قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىش لايىھىسىنى تاپالمىغاندا جىددىيلىك ھېس قىلىش، لايىھىسىنىڭ ئۈنۈمى رەسمىي ئىسپاتلانمىغاندا گۇمانلىنىش ھېسسىياتىنىڭ پەيدا بولۇشى، ئۈنۈمى رەسمىي ئىسپاتلانغاندا ھەقىقىي ئىشىنىش ھېسسىياتىنىڭ تۇغۇلۇشى، ۋەھاكازا. ئاقىلانىلىك ھېسسىياتى ئەمەلىيەت جەريانىدا تەپەككۇر پائالىيىتىنىڭ ئېلىپ بېرىلىشى ۋە چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ پەيدا بولىدۇ ۋە تەرەققىي قىلىدۇ. ئۇ ئىجادىي تەپەككۇر بىلەن ئەمەلىي پائالىيەتنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ.