Uyghur←Chinese主要词典
ئاقساقاللار كېڭىشى
دۇنيا تارىخى
长老议事会
zhǎng lǎo yì shì huì
ئۇرۇقداشلىق جەمئىيەتتىكى قەبىلە ياكى قەبىلىلەر ئىتتىپاقىنىڭ تەشكىلىي ئورگانلىرىنىڭ بىرى. شىمالىي ئامېرىكىدىكى ئىندىئانلارنىڭ ئىروكىس قەبلىسىنىڭ ئاتامانلار يىغىنى، ھەربىي دېموكراتىيە تۈزۈمىدىكى قەدىمكى گېركلارنىڭ كېڭەش يىغىنى ۋە قەدىمكى رىمنىڭ سىناتى قاتارلىقلار مۇشۇنىڭغا كىرىدۇ. ئادەتتە ھەرقايسى ئۇرۇق باشلىقلىرىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، كۆپىنچە ئۆمۈرلۈك بولىدۇ. ئۇلار ئۆز ئىچىگە قارىتا ئۆز قەبىلىسىنىڭ ئەنئەنىسىنى ۋە ئۆز ئۇرۇقىنىڭ قائىدلىرىنى قوغداش، ماجىرالارنى ھەل قىلىش، بۇيرۇق ئېلان قىلىش، ئاتامانلارنى تەيىنلەش ۋە قالدۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگە. سىرتقا قارىتا قەبىلىگە ۋەكالىتەن ئۇرۇش ئېلان قىلىش ياكى سۈلھ قىلىش، ئەلچىلەرنى قوبۇل قىلىش ۋە ئەۋەتىش، شۇنداقلا باشقا مۇھىم ئىشلارنى ھەل قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە. ياۋايىلىق دەۋرىنىڭ تۆۋەن باسقۇچىدا تۇرغان ئىروكىس قەبىلىسىنىڭ ئاتامانلار كېڭىشى كەڭ ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولغان، گومېر دەۋرىدىكى گرېكلارنىڭ كېڭەش يىغىنى ياكى خانلىق ھاكىمىيەت دەۋرىدىكى رىمنىڭ سىناتى، خەلق كېڭىشى بىلەن بىرگە ھەممىسى ھەربىي دېموكراتىيە تۈزۈمىدىكى ئورگان بولۇپ، دۆلەتنىڭ مەيدانغا كلىشىگە ئەگىشىپ، دۆلەت ئورگانلىرىغا ئايلانغان. ئۇنىڭدا قەتئىي سىنىپىي خاراكتېر بولۇپ، قۇلدار ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا ئەمەلىي ھوقۇق تۇتقان.