Uyghur←Chinese主要词典
ئاقساقاللار كومىتېتى
دۇنيا تارىخى
长老委员会
zhǎng lǎo wěi yuán huì
بۇلغارىيە مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى جەريانىدىكى كونسېرۋاتىپ تەشكىلات. 1866-يىلى بۇلغارىيەدىكى بۇرژۇئازىيىنىڭ روسىيە پەرەسلىرى بۇخارېستتا قۇرغان. بۇلغارىيىدە ئىسلاھاتچىلىقنى يولغا قويۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، قوراللىق كۈرەش ئارقىلىق تۈركىيە فېئودال ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشقا قارشى تۇرغان. ئۇلارنىڭ بۇ خىل كونسېرۋاتىپلىق سىياسىتى بۇلغارىيىدىكى ياش ئىنقىلابچىلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان. ئۇنىڭ ئورنىغا بۇلغارىيە مەركىزى ئىنقىلابىي كومىتېتى دەسسىگەن.