Uyghur主要词典
ئاپتونوم رايونلۇق چوڭلار مائارىپ ئىدارىسى
领域: شىنجاڭ مائارىپىمائارىپ تارىخى
1983 - يىلى 3 - ئايدا قۇرۇلغان. بۇنىڭدىن بۇرۇن، 1979 - يىلى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى سابىق ئاپتونوم رايونلۇق ئىشتىن سىرتقى مائارىپ كومىتېتىنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىشچى - دېھقانلار مائارىپ كومىتېتىغا ئۆزگەرتىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد كومىتېت، يېزا ئېگىلىك كومىتېتى، مەدەنىيەت، مائارىپ كومىتېتى، پەن - تېخنىكا كومىتېتى. ئاپتونوم رايونلۇق ئىشچىلار باش ئۇيۇشمىسى، مائارىپ نازارىتى، ئىتتىپاق كومىتېتى، ئاياللار بىرلەشمىسى، زىيالى ياشلار ئىشخانىسى، ئەمگەك ئىدارىسى، دېھقانچىلىق بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش باش ئىدارىسى قاتارلىق ئورۇنلاردىن مەسئۇل يولداشلارنى تەشكىللەپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ بىر تۇتاش رەھبەرلىكىدە، پۈتكۈل ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئىشچى - دېھقانلار مائارىپ خىزمىتىنى بىر تۇتاش باشقۇرغان. بۇ كومىتېت ئۆز ئىشخانسىنى مائارىپ ئىدارىسىدە تەسىس قىلغان. 1983 - يىلى 3 - ئايدا، ئاپتونوم رايونلۇق
خەلق ھۆكۈمىتى ئاپتونوم رايونلۇق ئىشچى - دېھقانلار مائارىپ كومىتېتىنى ساقلاپ قېلىشنى قارار قىلىپ، كۈندىلىك ئىشلارغا مەسئۇل بولۇش خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا چوڭلار مائارىپ كومىتېتىنىڭ ئىش بېجىرىش ئاپپاراتى، بۇ ئىدارىنىڭ قارمىقىدا چوڭلار ئالي مائارىپ باشقارمىسى، ئىشچى - خىزمەتچىلەر مائارىپ باشقارمىسى، دېھقان - چارۋىچىلار مائارىپ باشقارمىسى ۋە كاتىبات ئىشخانىسى قاتارلىقلار بار. 1989 - يىلى 5 - ئايدا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى چوڭلار مائارىپى ئىدارىسىنى تارقىتىۋەتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ كەسپىي ئىشلىرىنى ئاپتونوم رايونلۇق
مائارىپ كومىتېتى بىۋاستە باشقۇرغان. مائارىپ كومىتېتىنىڭ ئىچىدە چوڭلار ئالىي مائارىپ باشقارمىسى، ئىشچى - دېھقانلار مائارىپ باشقارمىسى تەسىس قىلىنغان.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。