Uyghur主要词典
ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى
شىنجاڭدىكى بىر قىسىم تەشكىلاتلار
«ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى» تولۇق نامى - شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى بولۇپ، 1950 - يىلى شىنجاڭ ئۆلكىلىك ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى تەييارلىق ھەيئىتى قۇرۇلغان، 9531 - يىل 9 - ئايدا ئۆلكىلىك 1 - نۆۋەتلىك ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى رەسمىي قۇرۇلغان، ھەر قايسى ئەدەبىيات - سەنئەت جەمئىيەتلىرى 1957 - يىلدىن باشلاپ ئارقا - ئارقىدىن قۇرۇلۇشقا باشلىغان، مەدەنىيەت ئىنقىلابى مەزگىلىدە تارقىتىۋېتىلگەن.
1978 - يىل 7 - ئايدا 2 - نۆۋەتلىك ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر ۋەكىللىرىنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنى ئېچىلغاندىن كېيىن بىرلەشمە ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى جۇڭگو ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ كوللېكتىپ ئەزاسى، شۇنداقلا ئاپتونوم رايوندىكى ھەر قايسى ئاممىۋى، كەسپىي خاراكتېرلىك كوللېكتىپ ئەدەبىيات - سەنئەت تەشكىلاتلىرى (جەمئىيەتلىرى) نىڭ بىرلەشمە تەشكىلاتى. ئۇنىڭ ۋەزىپىسى - پارتىينىڭ رەھبەرلىكىدە، ماركىسىزم، لېنىنىزم، ماۋزېدۇڭ ئىدىيسىنىڭ ۋە دېڭ شىياۋپىڭنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇش نەزەرىيسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئەدەبىيات - سەنئەتنى خەلق ئۈچۈن، سوتسىيالىزم ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش فاڭجېنىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ سوتسىيالىستىك ئەدەبىيات - سەنئەت ئىشلىرىنى تىرىشىپ راۋاجلاندۇرۇپ، ھەر مىللەت خەلقىنى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلشقا سەپەرۋەر قىلىشتىن ئىبارەت.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ نەچچە ئون يىللىق خىزمەت ئەمەلىيىتى جەريانىدا تۆۋەندىكى جەمئىيەت ۋە كوللېكتىپلار بارلىققا كەلدى:
1. جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ شىنجاڭ شۆبىسى (1957 - يىلى قۇرۇلغان).
2. جۇڭگو تىياتىرچىلار جەمئىيىتى شىنجاڭ شۆبىسى (1959 - يىلى قۇرۇلغان).
3. جۇڭگو مۇزىكانتلار جەمئىيىتى شىنجاڭ شۆبىسى (1959 - يىلى قۇرۇلغان).
4. جۇڭگو ئۇسسۇلچىلار جەمئىيىتى شىنجاڭ شۆبسى (1959 - يىلى قۇرۇلغان).
5. جۇڭگو گۈزەل سەنئەتچىلەر جەمئىيىتى شىنجاڭ شۆبىسى (1959 - يىلى قۇرۇلغان).
6. جۇڭگو فوتوگرافلار جەمئىيىتى شىنجاڭ شۆبىسى (1960 - يىلى قۇرۇلغان).
7. جۇڭگو كىنوچىلار جەمئىيىتى شىنجاڭ شۆبىسى (1961 - يىلى قۇرۇلغان).
8. جۇڭگو خەلق ئەدەبىيات - سەنئىتى تەتقىقات جەمئىيىتى شىنجاڭ شۆبىسى (1980 - يىلى قۇرۇلغان).
9. جۇڭگو خەتتاتلار جەمئىيىتى شىنجاڭ شۆبىسى (1986 - يىلى قۇرۇلغان).
10. جۇڭگو تېلېۋىزىيە سەنئىتى شىنجاڭ شۆبىسى (1986 - يىلى قۇرۇلغان).
11. جۇڭگو سېركچىلەر جەمئىيىتى شىنجاڭ شۆبىسى (1989 - يىلى قۇرۇلغان).
1992 - يىلغىچە پۈتكۈل ئاپتونوم رايون بويىچە 11ەدەبىيات - سەنئەت جەمئىيىتى قۇرۇلغان. ئۇنىڭ ئەزالىرى جەمئىي 000،6 غا يەتكەن. ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى تەركىبىدە ئورگان ئىشخانىسى، سىياسىي باشقارما، تەشكىلىي ئالاقە باشقارمىسى، نەزەرىيە تەتقىقات ئىشخانىسى تەسىس قىلىنغان. بۇ بىرلەشمە ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق جەمئىيەتلەر <شىنجاڭ سەنئىتى> (ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە)، <تارىم> (ئۇيغۇرچە)، <ئەدەبىي تەرجىملەر> (ئۇيغۇرچە)، <جۇڭگو غەربىي دىيار ئەدەبىياتى> (خەنزۇچە)، <شۇغىلا> (قازاقچە)، <چولپان> (مۇڭغۇلچە)، <شىنجاڭ قىرغىز ئەدەبىياتى> (قىرغىزچە)، <مىراس> (ئۇيغۇرچە)، <مۇرا> (قازاقچە) قاتارلىق ژۇرناللارنى باشقۇرىدۇ.
ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ قۇرۇلتايلىرى ۋە رەھبەرلىرى:
1 - نۆۋەتلىك قۇرۇلتاي 1953 - يىل 9 - ئايدا ئېچىلغان.
رەئىس: زىيا سەمىدى.
مۇئاۋىن رەئىسلەر: ئىبراھىم تۇردى، ۋاڭ يۈخۇ، بۇقارا تىشقانبايوپ (قازاق). يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەھبەرلىرىمۇ يۇقىرىغا ئوخشاش.
2 - نۆۋەتلىك قۇرۇلتاي 1959 - يىل 5 - ئايدا ئېچىلغان.
رەئىس: ليۇ شاۋۋۇ
مۇئاۋىن رەئىسلەر: ۋاڭ يۈخۇ، ئىرغالى (قازاق)، سۇڭ شىياۋ،لى مىڭشەن، يىن ماۋسەي، سەيپۇل يۈسۈپ.
يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەھبەرلىرى:
رەئىس: ئەلقەم ئەختەم
مۇئاۋىن رەئىسلەر: ۋاڭ يۈخۇ، بۇقارا تىشقانبايوپ.
3 - نۆۋەتلىك قۇرۇلتاي 1980 - يىل 9 - ئايدا ئېچىلغان.
پەخرىي رەئىس: ليۇ شاۋۋۇ
رەئىس: ياسىن خۇدابەردى
مۇئاۋىن رەئىسلەر: ۋاڭ يۈخۇ، قورمان غەلى، ئەلقەم ئەختەم، ئابلىز نازىرى، تېيىپجان ئېلىيوپ، لى مىڭشەن، يىن ماۋسەي، سەيپول يۈسۈپ، سۇڭ شياۋ، قەمبەرخان، باتا (مۇڭغۇل)، پەتتارجان مۇھەممىدى، يۈسۈپ ماماي (قىرغىز).
يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەھبەرلىرى:
رەئىس: ئابلىز نازىرى
مۇئاۋىن رەئىسلەر: ئەلقەم ئەختەم، تېيىپجان ئېلىيوپ، ۋاڭ گۇلىن، ئابدۇكېرىم خوجا، شاكەن ئوڭبالباي (قازاق)، خەن ۋېڭخۇي، گوجىنەن (شىبە)، ساغا (مۇڭغۇل)، قەييۇم تۇردى، جۇبى.
4 ـ نۆۋەتلىك قۇرۇلتاي 1989 ـ يىل 3 ـ ئايدا ئېچىلغان.
پەخرىي رەئىسلەر: ليۇ شاۋۋۇ، ياسىن خۇدابەردى
رەئىس: قەييۇم تۇردى
مۇئاۋىن رەئىسلەر: جاڭ گۈيتىڭ (خۇيزۇ)، چېن بەيجۇڭ، ئىمىن ئەخمىدى، شاكەن ئوڭالباي (قازاق)، ساغا (مۇڭغۇل)، يۈسۈپ ماماي (قىرغىز)، غازى ئەمەت، پاشا ئىشان، پاتىخە ملىك (قازاق).
يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەھبەرلىرى: پەخرىي رەئىسلەر: ۋاڭ يۈخۇ، ئابلىز نازىرى، ئەلقەم ئەختەم.
رەئىس: (سايلانمىغان)
مۇئاۋىن رەئىسلەر: چېن بەيجۇڭ، مۇھەممەت شاۋدۇن، ۋاڭ رۇڭ، شامىس قومار (قازاق)، ۋۇ ليەنزىڭ، زوردۇن سابىر، س. بازىر (مۇڭغۇل)، تۇرسۇنئاي ھۈسەيىن.
5 ـ نۆۋەتلىك قۇرۇلتاي 1996 ـ يىل 12 ـ ئايدا ئېچىلغان.
پەخرىي رەئىسلەر: ليۇ شاۋۋۇ، قەييۇم تۇردى، يۈسۈپ ماماي (قىرغىز)، شاكەن ئوڭالباي (قازاق).
رەئىس: غازى ئەمەت
مۇئاۋىن رەئىسلەر: ليۇبىڭ، ھېيتەم ھۈسەيىن، شامىس قومار (قازاق)، ۋاڭ خۇڭمىڭ، ئابلىمىت سادىق، جۇتاۋ، پاتىخە مالىك (قازاق)، مەمتىمىن ھوشۇر، تۇيغۇن ئەخمىدى، ئادىل جۈمە تۇردى (قىرغىز).
يازۈۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەھبەرلىرى:
پەخرىي رەئىسلەر: ۋاڭ يۈخۇ، چېن بەيجۇڭ
رەئىس: مەمتىمىن ھوشۇر
ميئاۋىن رەئىسلەر: جاۋ گۇاڭمىڭ، زوردۇن سابىر، شامىس قومار (قازاق)، مۇھەممەت شاۋدۇن، جۇتاۋ، تۇرسۇنئاي ھۈسەيىن، شى خې، ئېرىسبېك (قىرغىز)، فۇ سۇڭجى.