Uyghur主要词典
ئانىلىق بوينى
بىئولوگىيە
ئانىلىقنىڭ ئانىلىق ئاغزى بىلەن ئۇرۇقدان ئوتتۇرىسىدىكى قىسمى. ئۇ ئانىلىق ئاغزىنىڭ گۈل چېڭىنىڭ مۇۋاپىق ئورۇنغا قوبۇل قىلىشىغا مەدەت بېرىش، قاناللار باغلىمى ئارقىلىق ئانىلىق ئاغزىغا سۇ ۋە ئوزۇقلۇق يەتكۈزۈش رولىنى ئوينايدۇ. ئۇ يەنە گۈل چېڭى نەيچىسىنى ئانىلىق ئاغزىدىن ئۇرۇقدانغا يەتكۈزىدىغان يول بولۇپ، گۈل چېڭى نەيچىسىنى ئېھتىياجلىق بولغان ماددا بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئۇنىڭ سىرتقى شەكلى ۋە ئۇزۇن - قىسقىلىقى ئوخشاش بولمايدۇ. مەسىلەن، كۆممىقوناقنىڭ ئانىلىق بوينى ئىنتايىن ئۇزۇن بولۇپ، ساقالغا ئوخشايدۇ: نىلۇپەرنىڭ ئانىلىق بوينى ئىنتايىن قىسقا بولىدۇ؛ ئەپيۇنگۈلدە ئانىلىق بوينى بولمايدۇ. ئانىلىق بوينىنىڭ تۈزۈلۈشى ئىككى خىل بولىدۇ. بىرى ئوچۇق شەكىللىك بولۇپ، ئوتتۇرىسى كاۋاك بولىدۇ. كاۋاكنىڭ ئىچكى دىۋارىدىكى ئېپىدېرما ھۈجەيرىلىرىدە ئاجرىتىپ چىقىرىش ئىقتىدارى بولىدۇ، گۈل چېڭى نەيچىسى ئانىلىق بوينى دىۋارىنى بويلاپ تۆۋەنگە قاراپ ئۆسىدۇ. مەسىلەن، گۈلسامساق، ئەپيۈنگۈل. يەنە بىرى يېپىق تىپلىق بولۇپ ئانىلىق بوينىنىڭ ئوتتۇرىسى پۈتەي بولىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىكى بەزىلىرىدە ئالاھىدە يېتەكلىگۈچى توقۇلما بولىدۇ، گۈل چېڭى نەيچىسى يېتەكلىگۈچى توقۇلمىنى بويلاپ تۆۋەنگە قاراپ ئۆسىدۇ. مەسىلەن، كېۋەز، كۈنجۈت؛ بەزىلىرىدە يېتەكلىگۈچى توقۇلما بولمايدۇ، مەسىلەن، باشاقلىقلار ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈكلەر. ئانىلىق بوينىمۇ گۈل چېڭى نەيچىسىنى پەرقلەندۈرىدۇ ۋە تاللايدۇ. بەزى ئۆسۈملۈكلەردە خالىمايدىغان گۈل چېڭى نەيچىسى ئانىلىق بوينىدىن راۋان ئۆتەلمەيدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇرۇقلىنالمايدۇ.