Uyghur主要词典
ئامېرىكا ئىسپانىيە ئۇرۇشى
دۇنيادىكى قىسمەن ئۇرۇشلار
ئامېرىكا - ئىسپانىيە ئۇرۇشى1898 - يىلى يۈز بەرگەن، بۇ ئامېرىكا بىلەن ئىسپانىيە ئوتتۇرىسىدىكى كۇبا بىلەن فىلىپپىننىڭ ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىنى تارتىۋېلىش مەقسىتىدە پارتلىغان ئۇرۇشتۇر. ئۇرۇش كۇبا بىلەن فىلىپپىندا بىر ۋاقىتتا دېگۈدەك يۈز بەرگەن.
ئۇرۇش كۇبانىڭ خاۋانا پورتىدا توختىغان ئامېرىكىنىڭ »ماين ناملىق« ئۇرۇش پاراخوتىنىڭ1898 - يىلى2 - ئاينىڭ15 - كۈنى سىرلىق پارتلىتىۋېتىلگەنلىكىدىن قوزغالغان، ئامېرىكا بۇ پاراخوتنى ئىسپانىيىلىكلەر پارتلىتىپ چۆكتۈرۈۋەتتى دەپ ھۆكۈم قىلىپ،1898 - يىل4 - ئاينىڭ20 - كۈنى ئىسپانىيىگە ئەڭ ئاخىرقى ئۇلتىماتۇم تاپشۇرۇپ، ئۇنىڭ كۇبادىن چېكىنىپ چىقىشىنى تەلەپ قىلغان، ئەمما ئىسپانىيە ھۆكۈمىتى بۇنى رەت قىلغان.25 - كۈنى ئامېرىكا ئىسپانىيىگە رەسمىي ئۇرۇش ئېلان قىلغان. ئۇرۇش1898 - يىلى4 - ئايدا ئۇرۇش ئېلان قىلغان ۋاقىتتىن باشلاپ7 - ئايدا ئىسپانىيە تەسلىم بولغانغا قەدەر ئۈچ ئاي داۋاملاشقان.1898
- يىل5 - ئاينىڭ1 - كۈنى ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا فلوتى فىلىپپىننىڭ مانىلا قولتۇقىغا ھۇجۇم قىلغان. يېرىم كۈنگە بارمايلا ئىسپانىيە فلوتى (جۈملىدىن ئۇنىڭ دېڭىز قىرغىقىدىكى پوتەيلىرى) بىتچىت قىلىنغان. ئۇزاق ئۆتمەيلا ئىسپانىيىنىڭ فىلىپپىندىكى مۇستەملىكە ئارمىيىسىمۇ ئامېرىكىغا تەسلىم بولغان.1898
- يىل12 - ئاينىڭ10 - كۈنى ئامېرىكا بىلەن ئىسپانىيە فرانسىيىنىڭ پارىژ شەھىرىدە «پارىژ تىنچلىق شەرتنامىسى» نى ئىمزالىغان. بۇ شەرتنامىدە: ئىسپانىيە كۇباغا بولغان ھۆكۈمرانلىقىدىن ۋاز كېچىپ، كۇبانىڭ «مۇستەقىللىقى» نى ئېتىراپ قىلىدۇ ھەمدە پورتورىكو، غەربىي ھىندى تاقىم ئارىلىدىكى باشقا ئاراللار ۋە گۇئام ئارىلى، شۇنىڭدەك فىلىپپىننى ئامېرىكىغا بۆلۈپ بېرىدۇ؛ ئامېرىكا تۆلەم ھېسابىدا ئىسپانىيىگە20 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بېرىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن.
دۇنيا تارىخى
1898-يىلى ئامېرىكا كۇبانى تالىشىش يۈزىسىدىن ئىسپانىيە بىلەن قوزغىغان ئۇرۇش. 1895-يىلى كۇبادا ئىسپانىيىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىرقىغا قارشى قوزغىلاڭ پارتلىغان. ئىسپانىيىنىڭ دەھشەتلىك باستۇرۇشى بىلەن، ئامېرىكىنىڭ كۇبادىكى ئىقتىسادىي مەنپەئىتى تەسىرگە ئۇچرىغان، شۇنىڭ بىلەن ئامېرىكىنىڭ كېڭەيمىچىلىك قارا نىيىتى قوزغالغان. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى دەسلەپتە بىتەرەپ تۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. 1897-يىلى ئىسپانىيە نائىلاج كۇباغا بەزى ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى بېرىشكە ماقۇل بولغان. قوزغىلاڭ تىنىچلىنىشقا يۈزلەنگەن. 1898-يىلى 2-ئايدا، ئامېرىكا گېزىتلىرى ئىسپانىيىنىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ئەلچىسىنىڭ ئامېرىكا زۇڭتۇڭى مېكىنلاينى ھاقارەتلىگەن خۇسۇسىي خەت - چەكلىرىنى ئېلان قىلىش ئارقىلىق، ئىسپانىيىگە قارشى كەيپىياتنى قۇتراتقان. 15-كۈنى ئامېرىكىنىڭ <ماين> ناملىق ھەربىي پاراخوتى ھاۋانادا تۇيۇقسىز پارتلاش بىلەن دېڭىزغا چۆكۈپ كەتكەن(<سەۋەبى ھازىرغىچە ئېنىقلانمىدى>). شۇنىڭ بىلەن كىشىلەرنىڭ قارشىلىق كەيپىياتى بىردىنلا ئۆرلەپ كەتكەن. ئامېرىكا مەزكۇر ۋەقەنى باھانە قىلىپ، 4-ئاينىڭ 25-كۈنى ئىسپانىيىگە ئۇرۇش ئېلان قىلغان. 5-ئايدا، ئامېرىكىنىڭ يىراق شەرقتىكى فىلوتى فىلىپپىننىڭ مانىلا قولتۇقىدا تۇرۋاتقان ئىسپانىيە ھەربىي پاراخوتلىرىنى ۋەيران قىلغان؛ ئارقىدىن يەنە يەرلىك مىللىي مۇستەقىللىك قوراللىق كۈچلىرىنىڭ ماسلىشىشى ئارقىسىدا مانىلانى بېسىۋالغان. ئامېرىكا قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى دېڭىز ئارمىيىسىنڭ ياردىمى ئاستىدا، 6-ئايدا كۇبادا قۇرۇقلۇققا چىقىپ، 7-ئايدا سانتىياگۇنى ئىشغال قىلغان؛ كەينىدىنلا ئىسپانىيىگە قاراشلىق پۇئېرتو - رىكونى بېسىۋالغان. ئىسپانىيە ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇپ، سۈلھ تەلەپ قىلغان. 8-ئاينىڭ 12-كۈنى ئۇرۇش توختاپ، 12-ئايدا <پارىژ سۈلھ شەرتنامىسى>ئىمزالانغان. ئىسپانىيە ئەلسىدىكى ئۆزىگە تەۋە مۇستەملىكلىرىدىن پۇئېرتو - رىكو، گۇئام ئارىلى ۋە فىلىپپىننى ئامېرىكىغا بۆلۈپ بەرگەن. ئامېرىكا 20 مىليون ئامېرىكا دوللىرى سەرپ قىلىش بەدىلىگە، فىلىپپىنغا ئىگە بولغان. ئىسپانىيە كۇبانىڭ مۇستەقىللىكىنى ئېتىراپ قىلغان ھەمدە كۇبانىڭ قەرزلىرىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان. ئۇرۇشتىن كېيىن، ئامېرىكا قوشۇنىنى چېكىندۈرمىگەن ھەمدە 1901-يىلى كۇبانى ئىگىلىك ھوقۇقىنى يوقىتىدىغان <پلان تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھىسى> نى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرلىغان. كۇبا ئەمەلىيەتتە ئامېرىكىنىڭ ھامىيلىقىدىكى دۆلەتكە ئايلانغان. ئامېرىكا - ئىسپانىيە ئۇرۇشىنىڭ نەتىجىسى ئامرىكىنىڭ زومىگەر جاھانگىر دۆلەتكە ئايلىنىشىنى كۈچەيتكەن. لېنىن بۇ ئۇرۇشنى دۇنيانى يېڭىۋاشتىن بۆلۈشىدىغان بىرىنچى قېتىملىق جاھانگىرلىك ئۇرۇشى دەپ ئاتىغان.