Uyghur主要词典
ئامېرىكا فرانسىيە شەرتنامىسى
دۇنيا تارىخى
ئامېرىكا بىلەن فرانسىيە بىرلىشىپ ئەنگلىيىگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن تۈزگەن ئىتتىپاق شەرتنامىسى. 1778-يىلى 2-ئاينىڭ 6-كۈنى پارىژدا ئىمزالانغان. ئۇنىڭدا: فرانسىيە ئامېرىكىنىڭ ھۆرلۈكى، مۇستەقىللىكى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغدايدۇ؛ ئامېرىكا فرانسىيىنىڭ شىمالى ئامېرىكىدىكى زېمىنىنىڭ تاجاۋۇزغا ئۇچرىماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ؛ فرانسىيە غەربىي ھىندى تاقىم ئاراللىرىدىكى ئەنگلىيە زېمىنىنى ئىشغال قىلسا بولىدۇ؛ ئامېرىكا فرانسىيىنىڭ شىمالىي ئامېرىكىدىكى زېمىنىنىڭ تاجاۋۇزغا ئۇچراىماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ؛ فرانسىيە غەربىي ھىدنى تاقىم ئاراللىرىدىك ئەنگلىيە زېمىنىنى ئىشغال قىلسا بولىدۇ؛ ئامېرىكا ئەنگلىيىنىڭ شىمالىي ئامېرىكىدىكى زېمىنى ۋە بېرمودا تاقىم ئاراللىرىنى قولغا كىرگۈزۈۋالسا بولىدۇ؛ ھەر ئىككىلا دۆلەتنىڭ ئەنگلىيە بىلەن ئۆز ئالدىغا سۈلھ قىلىشىغا بولمايدۇ دېگەن مەزمۇنلار بەلگىلەنگەن. فرانسىيە شەرتنامىنى ئىمزالاش جەريانىدا پاسسىپ پوزىتسىيە تۇتقان ھەمدە 1783-يىلى ئەنگلىيە بىلەن ئۆز ئالدىغا سۈلھ تۈزۈپ، شەرتنامىگە بۇزغۇنچىلىق قىلغان.