Uyghur主要词典
ئامېنخوتېپ
دۇنيا تارىخى
يەنى ئەخناتون. قەدىمكى مىسىر 18-سۇلالىنىڭ فىرئەۋىنى (مىلادىدىن ئىلگىرى تەخمىنەن 1379 - 1362). تەختكە چىققان ۋاقتىدا ئامون ئىبادەتخنىسىنىڭ كۈچى كۈچىيىپ، روھانىي ئاقسۆڭەكلەر تايىنىپ دىن ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىپ، ئامون گۇرۇھى ۋە مىراسخور ئاقسۆڭەكلەرگە زەربە بېرىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مۇنارخىيىلىك ھۆكۈمرانلىقىنى كۈچەيتمەكچى بولغان. دەسلەپتە قۇياش تەڭرىسى را ئارقىلىق دېبېس (فىۋ) دىكى ئامون تەڭرىگە قارشى تۇرغان؛ دېبېستارا ئىبادەتخانىسىنى ياسىتىپ، ئامون روھانىيلىرىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. كەيندىنلا كەسكىن تەدبىر قوللانغان. يېڭى قۇياش تەڭرىسى ئاتون ئەقىدىسىنى بەرپا قىلىپ، ئاتونغا چوقۇنۇشنى مەجبۇرىي يولغا قويغان؛ ئامون ۋە باشقا تەڭرىلەرگە ئېتىقاد قىلىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئامون ئىبادەتخانىسىنى تاقاپ، ئۇنىڭ مال - مۈلۈكلىرىنى مۇسادىرە قىلغان؛ ئۆز ئىسمىدىكى <ئامېىن> دېگەننى <ئاتون> غا ئۆزگەرتىپ، ئۆزىگە <ئەخناتون> دەپ يېڭى ئىسىم قويغان. بۇ <ئاتوندىن خەۋەر ئالغۇچى> دېگەن مەنىدە؛ باشقىدىن ئاخېتاتون دېگەن يېڭى پايتەخت ياساتقان. بۇ، <ئاتون نۇر چېچىپ تۇرىدغان جاي> دېگەن مەنىدە بولۇپ، ئورنى ھازىرقى تېل ئېل ئامارنادا، يېڭى قۇياش تەڭرىسىنى مەدھىيىلەيدىغان <ئاتونغا مەدھىيە> نى تۈزدۈرگەن. بۇ تەدبىرلەر ئامون ئىبادەتخانىسىغا زور دەرىجىدە زەربە بەرگەن. ئامون گۇرۇھى ۋە مۇتەئەسسىپ كۈچلەر جېنىنىڭ بارىچە قارشى تۇرغان. فىرئەۋىننى يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈشنى قەستلىگەن بولۇشى مۇمكىن (لېكىن ئەمەلگە ئاشمىغان). قىرئەۋىن ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئىسلاھاتى ئاخىرى بىكار قىلىنغان. 1887-يىلى ئامارنادىن ئاككاد مىخ يېزىقىدا يېزىلغان 400 پارچىدەك سېغىز تاختا خەت - ئالاقىلىرى تېپىلغان، بۇ يېزىقلار يېڭى پادىشاھلىق دەۋرىدىكى مىسىر بىلەن غەربىي ئاسىيا دۆلەتلىرى يېڭى پادىشاھلىق دەۋرىدىكى مىسىر بىلەن غەربىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدا قويۇق تاشقى مۇناسىۋەت بارلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. <ئامارنا خەت - ئالاقىلىرى> گە قاراڭ.