Uyghur主要词典
ئامېنېمخېت
دۇنيا تارىخى
قەدىمكى مىسىر 12-سۇلالىنىڭ فىرئەۋىنى (مىلادىدىن ئىلگىرى تەخمىنە 1842 - 1797) ئۇ تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلدە، يەرلىك تەپرىقىچى كۈچلەرنى جېنىنىڭ بارىچە ئاجىزلىتىپ، ھوقۇق مەركەزگە يىغىلغان ھۆكۈمرانلىقنى كۈچەيتكەن. جەنۇبتا نوبىيىگە ۋە شىمالدا سىناي يېرىم ئارىلىغا داۋاملىق جازا يۈرۈشى قىلىپ، ئالتۇن كانى ۋە مىس كانىنى تارتىۋالغان؛ تەسىر كۈچى نىل دەرياسىنىڭ ئۈچىنچى شارقىراتمىسىغىچە يېتىپ بارغان. مېمفىس شەھىرى ئەتراپىدىكى فيۇم رايونىدا سۇ ئىنشائاتلىرىنى ياساتقان؛ مېيىندورف كۆلى (مېلىس كۆلى) سۇ ئامبىرىنى ياساتقان، ئېرىق - ئۆستەڭ، توغان ۋە تسوما ياستىپ، ئۇنى نىل دەرياسى بىلەن تۇتاشتۇرغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا 2500 گېكتار كېلىدىغان سازلىقنى مۇنبەت ئېتىزغا ئايلاندۇرغان. قىرئەۋىن پايتەختىنى يېقىن ئەتراپتىكى رايونغا كۆچۈرۈپ، تۈزۈلۈشى خېلى مۇرەككەپ بولغان ئىككى قەۋەتلىك ئوردا ياساتقان. قەدىمكى يۇنان تارىخشۇناسى ھىرودوت ئۇنى <سىرلىق ئوردا> دەپ ئاتىغان <فايۇم> غا قاراڭ.