Uyghur主要词典
ئامانۇللاخان
دۇنيا تارىخى
(1892 - 1960) ئافغانىستان بارراقزائى خاندانلىقىنىڭ پادىشاھى (1919 - 1929) ياشلىق دەۋرىدە ياش ئافغانىستان پارتىيىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشقا ئىرادە باغلىغان. 1919-يىلى 2-ئايدا ئاتىسى ھەبىبۇللاخان (1872 - 1919) سۇيىقەستكە ئۇچراپ ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن تەختكە چىققان. ئۇ شۇ يىلى ئافغانىستان خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ، ئەنگلىيىگە قارشى ئۈچىنچى قېتىم ئۇرۇش ئېلىپ بېرىپ، ئەنگلىيىنى ئافغانىستاننىڭ تولۇق مۇستەقىللىكىنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر قىلغان، شۇنىڭدىن كېيىن سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت مائارىپ قاتارلىق ھەر قايىس جەھەتلەردە بىر قاتار ئىسلاھاتا ئېلىپ بارغان. 1927-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ چەت ئەللەرنى ئۇزۇن ۋاقىت زىيارەت قىلىپ، ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئىسلاھاتنىڭ قەدىمىنى تېزلەتكەن، نەتىجىدە قەبلە باشلىقلىرى ۋە يۇقىرى قاتلمدىكى زاتلارنىڭ مەنپەئىتىگە چېقىلىپ قويغان، باج - سېلىقنىڭ ئېغىرلىشىشىمۇ خەلقنىڭ نارازىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ھەرقايسى جايلاردا ئارقا - ئارقىدىن توپىلاڭ كۆتۈرۈلگەن. 1929-يىلى ئۇ بەچچە سۇچى قوزغىلىڭى تەرىپىدىن ئاغدۇرۇپ تاشلانغاندىن كېيىن ياۋروپاغا قېچىپ كەتكەن.