Uyghur主要词典
ئامانلىق ساقلاش سوتى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
تارىختا ئىسلام دۆلەتلىرى جەمئىيەت ئامانلىقىنى ساقلاش، جەمئىيەتتە جىىايەت سادىر قىلغانلارنى جازالاش ئۈچۈن قۇرغان سوراق ۋە ھۆكۈم قىلىش ئورگىنى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بۇ ئورگان ئابباسىيلار سۇلالىسى دەۋرىدە قۇرۇلدى. بۇنىڭدىن بۇرۇن ۋە ئورگان ئۇمەييە سۇلالىسىنىڭ ئوردىسىدا خەلىپىنىڭ مۇھاپىزەتچىلىكىنى قىلاتتى. ۋەزىپىسى ئۆزىگە تەۋە رايوندا كۆزەتچىلىك قىلىش، گۇمانلىق ئەھۋاللارنى يېزىپ خەلىپىگە مەلۇم قىلىشتىن ئىبارەت بولۇپ، رازۋېدكا قىلىش، قولغا ئېلىش، قىستاش، ئىقرار قىلدۇرۇش، سوراق قىلىش، قاماپ قويۇش، ھەتتا خالىغىنىچە ئۆلتۈرۈۋېتىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىناتتى. ئورنى مەھكىمە شەرئىتىدىن تۆۋەن بولسىمۇ، لېكىن باشقىلاردىن ھالقىپ ئۆتۈپ چوڭ جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى بىر تەرەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىدى. ئابباسىيلار سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە بۇ ئورگاننى يەرلىك سۇلتان كونترول قىلدى. بۇ ئورگان ئامانلىق ساقلاش قىسىملىرىنىڭ رولىنى قوشۇمچە ئۆتىدى.