Uyghur主要词典
ئالتۇن تامغىلىق يارلىق
دۇنيا تارىخى
(1) 1222-يىلى ۋېنگرىيە كورۇلى ئاندراس Ⅱ نىڭ ئاقسۆڭەكلەرنىڭ مەجبۇرلىشى ئارقىسىدا چۈشۈرگەن يارلىق. ئۇنىڭ تولۇق تېكىستى جەمئىي 31 ماددا بولۇپ، پىرگامېنتقا يېزىلغان. يەتتە نۇسخا بولۇپ، ھەممىسى يوقىلىپ كەتكەن. ئاساسەن ئاقسۆڭەكلەرنىڭ سۇيۇرغال يېرىنىڭ ئەۋلادتىن ئەۋلادفا مىراس قېلىشىنى ئېتىراپ قىلىش؛ ئاقسۆڭەكلەر ۋە چېركاۋلارنىڭ باج - سېلىقىنى كەچۈرۈم قىلىش؛ دۆلەت ئەمەلدارلىرى رۇخسەتسىز ھالدا ئاقسۆڭەكلەرنىڭ قورۇقىغا كىرمەسلىك، پادىشاھ ھەر يىلى بىر قېتىم پارلامېنت يىغىنى ئېچىپ، ئاقسۆڭەكلەرنى ئەركىن ھالدا يىغىنغا قاتناشتۇرۇش؛ پادىشاھ ئەگەر يۇقىرىدىكى ماددىلارنى ئىجرا قىلمىسا، ئاقسۆڭەكلەرنىڭ پادىشاھقا قارشى تۇرۇش، ھەتتا قورال كۈچى ئىشلىتىش ھوقۇقى بولۇشتەك مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. يارلىق ۋېنگرىيىنىڭ فېئودال ھۆكۈمەتسىزلىك ۋەزىيىتىنى يامانلاشۇرۇۋەتكەن. 1687-يىلى بىكار قىلىنغان . (2) 1356-يىلى مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسى نيورىنبېرگ ۋە مېتز (ھازىرقى فرانسىيىنىڭ شەرقىي شىمالىي قىسمى) دا ئۆتكۈزۈلگەن ئىمپېرىيە پارلامېنتىدا ماقۇللانغاندىن كېيىن ئىمپېراتور چارلېس Ⅳ چۈشۈرگەن يارلىق. مەزمۇنى: پادىشاھ سايلىغۇچى بەگلەرنى سايلىمى ئارقىلىق بارلىققا كېلىش؛ سايلام يىغىنى پادىشاھلىق ئورۇن ئۈچ ئاي بوش قالغان مەزگىلدە مېتزنىڭ باش ئېپىسكوپى تەرىپىدىن چاقىرىلىش، يىغىن ئورنى مائىن دەرياسىنىڭ بويىدىكى فرانكفورتتا بولۇش، نامزاتلار كۆپ سانلىق ئاۋازغا ئىگە بولغاندا سايلىنىش رەسمىي بېكىتىلگەن. يارلىقتا يەنە پادىشاھ سايلىغۇچى بەگلەرنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى يەردە ئەدلىيە، مېتال پۇل قۇيۇش، كان قېزىش ۋە باج ئېلىش قاتارلىق ئىمتىيازلاردىن بەھرىمەن بولۇشى بېىتىلگەن. يارلىقتا بەگ - غوجىلارنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن شەھەرلەردە ئىتتىپاق بولۇپ ئۇيۇشۇش مەنىئى قىلىنغان. يارلىق پادىشاھلىق ھوقۇقىنى تېخىمۇ ئاجىزلاشتۇرۇپ، گېرمانىيىنىڭ سىياسىي جەھەتتىن پارچىلىنىشنى تېزلىتىۋەتكەن. 1806-يىلى مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسى يوقالغاندىن كېيىن بۇ يارلىقىنىڭمۇ رولى قالمىغان.