Uyghur主要词典
ئالتامىرا ئۆڭكۈر رەسىملىرى
领域: دۇنيا تارىخىئىسپانىيە كونا تاش قورال دەۋرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدىكى ئۆڭكۈر رەسىملىرى. ئىسپانىيىنىڭ شىمالدىكى سانتاندېرنىڭ جەنۇبىغا 35 كىلومېتىر كېلىدىغان ئالتامىرا ئۆڭكۈرىدە 1879-يىلى تېپىلغان. 1901-يىلغا كەلگەندە فرانسىيە ئارخېئولوگى بىرېئوئىل قاتارلىق كىشىلەر تەكشۈرگەندىن كېيىن ئاندىن كونا تاش قورال دەۋرىگە ئائىت تام رەسىملىرى دەپ ئېتىراپ قىلىنغان. ئۆڭكۈر 270 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى تەرتىپسىز ئۆڭكۈر بولۇپ، تام رەسىملىرى ئۆڭكۈر ئېغىزىدىن ئىچكىرىگىچە بولغان خېلى ئۇزۇنلۇققىچە سىزىلغان. ئاساسەن كىرىش ئېغىزىنىڭ سول تەرىپىدىكى ئۇزۇنلۇقى 18 مېتىر، كەڭلىكى 8 - 9 مېتىر كېلىدىغان <چوڭ ئۆي> نىڭ ئۆگزە قىسمىغا مەركەزلەشكەن. ئۆڭكۈر تاملىرىنىڭ ئوڭغۇل - دوڭغۇللۇقىدىن ئۇستىلىق بىلەن پايدىلىنىپ ئات، بۇغا، كالا قاتارلىق ئەمەلىي سېزىمگە ئىگە ھايۋاناتلارنى سىزغان، ئاز ساندا ئادەمسىمان مايمۇنلىرىنىڭ ئوبرازىمۇ سىزىلغان، ئادەم سۈرىتى سىزىلمىغان، سىزىش ماھارىتى ۋە ئۇسۇلى پىششىق، ئىخچام ھەم كۆركەم. ماگدالېن مەدەنىيىتىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىگە مەنسۇپ بولغان ھەر خىل رەڭلىك رەسىملەر بىرقەدەر كۆپ. ئۇ كونا تاش قورال دەۋرىدىكى رەسساملىقنىڭ يۈكسەك سەۋىيىسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. ھازىر ئالتامىرا ئۆڭكۈر سەنئىتى مۇزېيى قۇرۇلغان.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。