ئالتاي تېغى[كەسىپ تۈرى:]>جۇغراپىيە<[يەشمىسى:] خەنزۇچە تارىخىي كىتابلاردا ئالتاي تېغى «金山» (ئالتۇنتاغ) دېيىلىدۇ. بۇ سۆز تاغنىڭ گۈزەللىكىنى ۋە بايلىقىنى ناھايىتى ئوبرازلىق ئىپادىلەپ بەرگەن. تۈركىي مىللەتلەرنىڭ، جۈملىدىن تۈركىي مىللەتلەرنىڭ تەركىبىي قىسمى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا ماكانى بولۇپ، تۈركىي مىللەتلەر ئەڭ قەدىمكى زامانلاردىن تارتىپ مۇشۇ يەردە ياشاپ چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن. ئالتاي تاغ تىزمىلىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان، شۇنداقلا ئاسىيانىڭ ئوتتۇرىسىدىكى چوڭ تاغ تىزمىلىرىدىن بولۇپ، ئۇنىڭ غەربىي شىمالدىن شەرقىي جەنۇبقا قاراپ سوزۇلغان ئۇزۇنلۇقى 2000 كىلومېتردىن ئوشۇق، غەربىي شىمال قىسمى قازاقىستان، شەرقىي جەنۇب قىسمى جۇڭگو بىلەن موڭغۇلىيە خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چېگرىسىغا جايلاشقان. ئۇنىڭ ئەڭ ئېگىز چوققىسى بېلوخا چوققىسى بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن 4620 مېتىر ئېگىز. جۇڭگو موڭغۇلىيە چېگرىسىدىكى دوستلۇق چوققىسى دېڭىز يۈزىدىن 4374 مېتىر ئېگىز. ئالتاي تاغ تىزمىلىرىدا كېڭىيىۋاتقان ھازىرقى زامان مۇزلۇقلىرى بار. تاغ غەربىي شىمالدىن شەرقىي جەنۇبقا قاراپ تەدرىجىي تۆۋەنلەيدۇ، ئۇنىڭ ئېگىزلىكى 3000 ~ 3500 مېتىرغا ئايلىنىدۇ. تاغ ئومۇرتقا سىزىقىنىڭ ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 3000 مېتىرغا يەتمەيدۇ. ئۇنىڭ جەنۇبىي يانباغرىنىڭ قار سىزىقى 3200 ~ 3300 مېتىر. تاغنىڭ 1100 مېتىردىن تۆۋەن قىسمىنى ياپيېشىل ئوتلاق بەلبېغى قاپلاپ تۇرىدۇ. بۇ يەردە ئاساسلىق ئورمان تۈرلىرىدىن سىبىرىيە قارىغىيى، سوغۇققا چىداملىق شەمشاد، قىزىل قارىغاي، قېيىن، تاغ تېرىكى قاتارلىق دەرەخلەر ئۆسىدۇ. 2300 مېتىردىن ئېگىز قىسمى سازلىق ۋە ئوتلاق بەلبېغى قاپلاپ تۇرىدىغان ياخشى يايلاق.ئالتاي تاغ تىزمىسىنىڭ مەنزىرىسى ئىنتايىن گۈزەل، ئۇ رەڭگارەڭ تاغ گۈللىرى پورەكلەپ ئېچىلىپ تۇرىدىغان مەنزىرىلىك جاي، شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ ئاساسلىق چارۋا مال ۋە ياغاچ ماتېرىيال بازىسى. ئالتاي تاغ تىزمىلىرىنىڭ سۇ مەنبەسى مول. بىراق، ئۇنىڭدىن تولۇق پايدىلىنىش ئىمكانىيىتى بولمايۋاتىدۇ. ھەر يىلى 10 مىليارد كۇب مېتىر سۇ قازاقىستانغا ئېقىپ چىقىپ كېتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ تاغدا يەنە ياۋايى ھايۋان تۈرلىرى كۆپ بولۇپ، تۈلكە، بۆرە، ئېيىق، توشقان، مۈشۈكياپىلاق، قىرغاۋۇل قاتارلىق ھايۋانلار بار. قىممەتلىك دورا ماتېرىياللىرىدىن بوغا مۆڭگۈزى، سوغۇر، سېسىق ئوت، كەترا، سوغىگۈل، تاغ لەيلىسى، ھىڭ، چۈچۈكبۇيا، چاكاندا، ئۇچارچاشقان مايىقى قاتارلىق 40 نەچچە خىلى بار.ئالتاي تاغلىرىدىن يەنە كۆمۈر، تۆمۈر، ئالتۇن، مىس، نېكىل، خروم، بېرال، چىرىمتال، ھاكتېشى، كرىستال تاش، مەرۋايىت تاش، بارست قاتارلىق 56 خىل كان بايلىقى تېپىلدى. كېپەك ئالتۇن بايلىقىمۇ ئىنتايىن مول، شۇڭا «ئالتايدا بار 72 جىلغا جىرا، چىقار ئالتۇن جىلغىلار ئارا» دېگەن گەپ تارقالغان. ئالتاي تېغىدىكى دەريا كۆللەردە يەنە قىزىلبېلىق، ئاقبېلىق، ۋۇچاڭ بېلىقى، سومول بېلىقى ۋە مەشھۇر قىلتىرىقسىز بېلىق قاتارلىق ھەرخىل بېلىقلار چىقىدۇ.