Uyghur主要词典
ئالقاماق
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
دۇئا قىلماق، ماختىماق؛ قوللىماق:
سەندە ناز ئولدى نەۋايىدا نىياز ئەرمەس ئەجەب،
كىم سەن ئانى قارغىغان سايەسىنى ئول ئالقامىش.
نەۋايى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
دۇئا ئوقۇماق، ماختىماق، مەدەت بەرمەك، ياخشىلىق تىلىمەك. شېئىردا مۇنداق كەلگەن: سېندا ناز ئولدى ناۋايىدا نىياز ئىيرماس ئەجەپ، كىم سېن ئانى قارغاغان سايى سېنى ئول ئالقامىش. (ناۋايى)
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئادەم ۋە نەرسىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى تىل بىلەن تەرىپلىمەك.
<مەدھىيلىمەك>، <مەدھىيە ئوقۇماق> ئىجابىي مەنىدە، ئۇلۇغ ئادەم ۋە ئۇلۇغ نەرسىگە خاس.
<كۆككە ئۇچۇرماق> سەلبىي مەنىدە.
ماختىغان قىز تويىدا چىچار. ماختىغان قىز مالخايغا چىقىرىپتۇ. خېرىدار تاللايدۇ، سودىگەر داڭلايدۇ. سەن ئۆزۈڭنى داڭلىما، كىشىلەر سىنى داڭلىسۇن. داملىغىلى يات يەر ياخشى. مەدھىيلىسەڭ ئۇلۇغنى مەدھىيلە، چاكىنىنى مەدھىيلەپ، چاكىنا بولما. شەخسكە مەھىيە ئوقۇماق - شەخسكە چوقۇنۇشقا ئېلىپ بارمىغاي. ماختاپ كۆككە ئۇچۇرساڭمۇ نادان ئۆز قەدىرىنى بىلمەس. دانا دۈشمەن ئۇچرار كۆككە ھامانى، يەرگە ئۇرار دوست بولسا نادان.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
ماختىماق، مەدھىيلىمەك