Uyghur主要词典
ئالفانسو
دۇنيا تارىخى
(1030 - 1109) ئىسپانىيە، لېئان ۋە كاستىللا پادىشاھلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىق قىلپ لېئان كورۇلى بولغان. 1072-يىلى ئۆزىنىڭ قېرىندىشى كاستىللا كورلى سانچو Ⅱ (1065 - 2-يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان) تەرىپىدىن مەغلۇپ بولۇپ، تولدېودىكى ماۋرىلار ھۆكۈمرانىنىڭ دەرگاھىغا قېچىپ بېرىپ پاناھلانغان. شۇ يىلى سانچو Ⅱ سۇيىقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلۈپ، لېئاندىكى پادىشاھلىق تەختىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن ھەمدە كاستىللانىڭ پادىشاھلىق تەختىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن ھەمدە كاستىللانىڭ پادىشاھى بولغان. سىرتقا كېڭىيىپ گالىتسىيە قاتارلىق جايلارنى قوشۇۋالغان. 1077-يىلى ئۆزىنى پۈتۈن ئىسپانىيىنىڭ كورۇلى دەپ جاكارلىغان. 1085-يىلى تولدو شەھىرىنى ئىشغال قىلغان. 1086- ۋە 1108-يىللىرى مۇرابىتلار تەرىپىدىن ئىككى قېتىم مەغلۇپ بولۇپ، جەنۇبقا قىلغان يۈرۈشى توسۇۋېلىنغان.