Uyghur主要词典
ئاللانىڭ سۈپەتلىرى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ئىسلام دىنىدا ئېتىقاد قىلىنىدىغان ئالىي رەببىنىڭ سۈپەتلىرى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. مۇتەكەللىمۇنلارنىڭ قارىشىچە، ئاللانىڭ گۈزەل ئىسىملىرىدىن باشقا، <رەببى>، (ئىگىسى)، <رەھمان> (رەھىمدىل) قاتارلىقلار ئاللانىڭ سۈپەتلىرى بولۇپ، بۇنداق ئىسىملار 99 دۇر. <قۇرئان كەرىم> دە <ئاللانىڭ گۈزەل ئىسىملىرى بار. ئاللانى شۇ (گۈزەل ئىسىملىرى) بىلەن ئاتاڭلار....> (7 - سۈرىنىڭ 180 - ئايىتىدىن) دەپ كۆرسىتىلگەن.