Uyghur主要词典
ئاللان پۇئې
دۇنيا تارىخى
(1890 - 1849) ئامېرىكا يازغۇچىسى. ئەدەبىي تەنقىدچىسى. بوستوندا تۇغۇلغان. كىچىك ۋاقتىدا ئاتا - ئانىسى ئۆلۈپ كەتكەن. 1811-يىلى باشقىلار بېقىۋالغان. 1815-يىلى ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە ئامېرىكىغا قايتقان. 1826-يىلى ۋىرگىنىيە داشۆسىگە كىرگەن. ياندۇرقى يىلى شېئىرلار توپلىمىنى چىقارغان. 1827 - 1829-يىللىرى ئارمىيىدە بولغان. 1830-يىلى غەربىي قىسىم ھەربىي مەكتىپىگە كىرگەن، ئىككىنچى يلى ئىنتىزامسىزلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن چىقىرىۋېتىلگەندىن كېيىن، ئىجادىيەت ۋە تەھرىرلىك خىزمىتىنى ئىشلىگەن. ھاياتىدا 60 نەچچە ھېكايە يازغان. ئۇنىڭدا جىنايەت ئۆتكۈزۈشتىكى روھىي ھالەت تەسۋرىرلەنگەن، قورقۇنچلۇق كەيپىيات بىلەن تولغان، ۋەقەلىكلەرمۇ غەلىتە - غارايپ كۆرسىتىلەەن. ئۇ راۋېتكا ئەقلىي خۇلاسىسى ھېكايلىرىنىڭ پېشۋاسى دەپ ھېسابلانغان. ئۇنىڭ ئاساسىي ئەسەرلىرى <ئاجايىپ - غارايىپ ھېكايىلەر>، <ئالتۇن قۇرت>، <مور كوچىسىدىكى قاتىللىق ۋەقەسى>، <قارا مۈشۈك> قاتارلىقلار. 48 پارچە شېئىر ئىجاد قىلغان. ئۇنىڭ شېئىرلىرىنىڭ قاپىيىسى مۇزىكىغا ناھايىتى ئوبدان چۈشىدۇ. مەشھۇرلىرى <توڭ قاغا>، <ھېلېنغا>. شېئىر ھەققىدىكى <يېزىقچىلىق پەلسەپىسى>، <شېئىر قائىدىسى> دېگەن ماقالىلىرىدە <سەنئەت ئۈچۈن سەنئەت> نى تەشەببۇس قىلغان.