Uyghur主要词典
ئالجىرىيە ئىسلام ئۆلىمالىرى جەمئىيىتى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ئالجىرىيىدىكى مۇسۇلمان ئۆلىمالارنىڭ ئاممىۋى تەشكىلاتى بولۇپ، بۇنى 1931 - يىلى ئابد خەمىد ئىبنى بادىس (1889 - 1940) قۇردى. جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ ھەممىسى ئۆلىما. ئابد خەمىد ئىبنى بادىس مۇھەممەد ئابدۇ ۋە رەشىدرىزانىڭ دىنىي ئىسلاھات ئىدىيىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، ئىسلام دىنى ئەقىدىسىنى مۇدېرنىزملىق قاراش بىلەن يېڭىۋاشتىن ئىزاھلاشنى تەشەببۇس قىلدى؛ تەسەۋۋۇپچىلارنىڭ مازار - ماشايىخلارنى، ئۇلۇغلارنىڭ قەبرىلىرىنى تاۋاب قىلىشتەك ئادەتلىرىنى ئەيىبلىدى، ئېتىقادىنى پاكلاشتۇرۇپ، ئىسلام دىنىنىڭ ئەسلىدىكى روھىنى تىرىلدۈرۈشنى تەشەببۇس قىلدى. بۇ تەشكىلات سىياسىيغا ئارىلاشمىدى، فرانسىيە مۇستەملىكچىلىرىگە قارشى تۇرۇش يولىدىكى مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىگە ئارىلاشمىدى. ئەرەب تىلىنى ۋە ئىسلام مەدەنىيىتىنى گۈللەندۈرۈشنى تەشەببۇس قىلدى. 2 - دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، كۈنسايىن ئاجىزلاشتى.