Uyghur主要词典
ئالجرىيە مىللىي ئازادلىق ئۇرۇشى
دۇنيا تارىخى
1954 - 1962-يىللىرى ئالجىرىيە خەلقىنىڭ فرانسىيىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى مىللىي مۇستەقىللىكىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۇرۇشى، 1954-يىلى 8-ئايدا ئالجرىيە ئىنقىلابچىلىرى <ئىتتپاقلىق ۋە ھەرىكەت كومىتېتى> (كېيىن مىللىي ئازادلىق سېپىگە ئۆزگەرتىلگەن) تەشكىللەپ، قوراللىق كۈرەش قىلىشقا تەييارلىق قىلغان. 11-ئاينىڭ 1-كۈنى ئائۇرېس تاغلىق رايونىدا ئاۋۋال قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلگەن. 12-كۈنى كابېيلى تاغلىق رايونى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ ئاۋاز قوشقان، پارتىزانلىق ئۇرۇشى تېزلىكتە پۈتۈن مەملىكەتكە كېڭەيگەن. 1956-يىلى 8-ئايدا سۇمام قۇرۇلتىيىدا <مىللىي ئازادلىق سەپ پروگراممىسى> ماقۇللىنىپ، مۇستەملىكىچىلىك تۈزۈمىنى پاچاقلاپ تاشلاشتىن ئىبارەت ئىنقىلاب نىشانىسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. 1958-يىلى مىللىي ئازادلىق ئارمىيە تەرەققىي قىلىپ 130 مىڭ كىشىگە يېتىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسىم زېمىنىنى ئازاد قىلغان. 9-ئاينى 19-كۈنى ئالجىرىيە جۇمھۇرىيىتى ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى قۇرۇلۇپ، ئابباس زۇڭلى بولغان. 1959-يىل 9-ئاينىڭ 16-كۈنى دېگولل ئالجىرىيىنڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىنى جاكارلىغان. 1962-يىل 3-ئاينىڭ 18-كۈنى <ئېۋىيان كېلىشىمى> نى ئىمزالىغان. 7-ئاينىڭ 3-كۈنى ئالجىرىيە رەسمىي مۇستەقىللىك جاكارلاپ، فرانسىيىنىڭ 130 نەچچە يىللىق مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىغا خاتىمە بەرگەن.