Uyghur主要词典
ئالدىرماي
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
بەك تېز ئەمەس، پەيدىنپەي، تەدرىجىي
دەرھال، دەررۇ، ھەش - پەش دېگۈچە، كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە، ھايت - ھۇيت دېگۈچە، ھاي - ھۈي دېگۈچە
ناھايىتى تېز، تېزلىكتە.
مۇسۇلمانچىلىق ئاستا - ئاستا. ئالدىرماي ماڭغان مەنزىلىگە بالدۇر يېتىدۇ. ئىشنى ئالدىرماي - سالدىرماي پۇختا قىل. يالغان قۇيرۇق دەرھال ئۈزۈلىدۇ. ھەقىقەت يېقىنلاشسا، سەپسەتە دەررۇ قاچىدۇ. نامنى ساقلاش ئۆمۈرلۈك ئىش، ئۇنىڭدىن مەھرۇم بولۇش ھەش - پەش دېگۈچە. بۈگۈنىڭىز كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئەتىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. كىم بىلىدۇ، بەخت سىزدىن ھايت - ھۇيت دېگۈچە كېتىپ، باشقا بىرىنى تېپىۋالار. ھاي - ھۇي دېگۈچە كەچ كىرىدۇ. ئەتىڭىزنى ئويلىدىڭىزمۇ؟ ئىشىمىز بىر ۋاراقى ئىزغا چۈشتى.