Uyghur主要词典
ئالدىراڭغۇ
مەنىداش سۆزلۈكلەر
دائىم ئالدىراپ - سالدىراپ يۈرىدىغان.
ئادىراڭغۇ ئاشنى خارم يەر. ئالدىراقسان روزىسىنى كۈن پاتماي ئاچىدۇ، سۇنى كۆرمەي ئۆتۈك سالىدۇ. ھولۇلۇپنىڭ چاپىنى ھۆل. شاتراق شاشىدۇ، ئېۋىنى قالىدۇ. شاشقىن شاتراقتىن كۈلۈپتۇ. ئۆپكىسى يوقتىن ۋاپا كۈتمە، ۋاپا كۆرمىسەڭ ئۆپكىلىمە. ئۇ تازا بىر يۈگۈرۈپ چىچار ئىكەن. ئەۋەك ئەر _ ئالدىراڭغۇ كىشى.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
سەۋر - تاقەت قىلمايدىغان، ئىش - ھەرىكەتتە بەك ئالدىراپ كېتىدىغان.
سەۋرچان
سەۋر - تاقەتلىك، چىداملىق.
سەۋرچان ئادەم ئۇياتچان كېلىدۇ. دۆشىدە يېتىپ تۇرۇپ سەۋرچانلىقنى تەرغىپ قىلغان ئادەم قىيما - چىيما بولماي قالمايدۇ. ئالدىراڭغۇ ئېشىنى خام يەر. بوشاڭ قانداق كېچىكسە، ئالدىراڭغۇمۇ شۇنداق كېچىكىدۇ. ۋالاقتەككۈرنىڭ پايدىلىق گېپى ئاز، ئالدىراقساننىڭ پايدىلىق ئىشى (ئاز). ھولولوپنىڭ چاپىنى ھۆل. ئۆپكىسى يوقتىن ۋاپا كۈتمە، ۋاپا كۆرمىسەڭ، ئۆپكىدىمە.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
دائىم ئالدىرايدىغان؛ ئالدىراقسان.
بەھزات كۆپ ئىلىملەرنى ئوقۇغان، ئەقىل - پاراسەتلىك يىگىت بولسىمۇ، ئالدىراڭغۇ، قانائەتسىز ئىكەن.