Uyghur主要词典
ئاكتىپ ئىممۇنىتېت
بىئولوگىيە
ئورگانىزم ئانتىگېننىڭ غىدىقلىشىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن ئۆزى ھاسىل قىلغان ئىممۇنىتېت كۈچى، ئورگانىزم بۇنىڭغا ئىككى خىل ئۇسۇلدا ئېرىشىدۇ: (1) ئورگانىزم تەبىئىي يۇقۇملانغاندىن كېيىن (مەسىلەن، يۇقۇملۇق كېسەلگە گىرىپتار بولۇش ياكى يوشۇرۇن يۇقۇملىنىش ئارقىلىق) ئىگە بولىدۇ. بۇ تەبىئىي ئاكتىپ ئىممۇنىتېت دەپ ئاتىلىدۇ. (2) سۈنىئىي ئۇسۇلدا ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئانتىگېن سالغاندىن كېيىن (مەسىلەن، ۋاكسىنا ياكى توكسويىدلارنى ئوكۇل قىلىش، ياكى ۋاكسىنىنى ئىچىش ئارقىلىق) ئىگە بولىدۇ، بۇ سۈنئىي ئاكتىپ ئىمۇنىتېت دەپ ئاتىلىدۇ. ئاكتىپ ئىممۇنىتېتىنىڭ ھاسىل بولۇشى ئاستىراق بولۇپ، ئادەتتە يۇقۇملىنىپ ياكى ئانتىگېن ئوكۇل قىلغاندىن كېيىن 1 - 4 ھەپتە ئىچىدە ھاسىل بولىدۇ، داۋاملىشىدىغان ۋاقتى ئۇزۇن بولۇپ، يېرىم يىلدىن بىر قانچە يىلغىچە داۋاملىشىدۇ. تەبىئىي ئاكتىپ ئىممۇنىتېت ھەتتا ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە داۋاملىشىدۇ. سۈنئىي ئاكتىپ ئىممۇنىتېت ئادەتتە ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇلى ئورنىدا قوللىنىلىدۇ.