Uyghur主要词典
ئاكتىپلاشتۇرۇش رولى
بىئولوگىيە
ئېنزىملىق رېئاكسىيە تېزلىكىنى ئاشۇرۇش رولىدىن ئىبارەت. ئاكتىپلاشتۇرۇش رولىغا ئىگە بولغان ماددا (ئاكتىپلاشتۇرغۇچى) باشقا بىر ئېنزىمنىڭ تورمۇزلىغۇچى بولۇشى مۇمكىن. ئاكتىپلاشتۇرغۇچىلار ئۈچ خىل بولىدۇ: (1) ئانىئورگانىك ئىئونلار، (2) كىچىك مولېكۇلىلىق ماددىلار، (3) ئاقسىل (ئېنزملارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) تۈرىدىكىلەر، بۇ خىل ئاكتىپلاشتۇرغۇچىلار ئاساسەن دەسلەپكى ئېنزىم (پروئېنزىم) نىڭ ئاكتىپ ئېنزمغا ئايلىنىشى ۋە قاننىڭ ئۇيۇشىدا مەلۇم رول ئوينايدۇ. مەسىلەن، ئۈچەي كىنازىسى ترىپسىننى ئاكتىپلاشتۇرىدۇ.