Uyghur主要词典
ئاجىزلىماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
جىسمانىي جەھەتتىن زەئىپلەشمەك، ھالسىزلانماق؛ كۈچى، قۇۋۋىتى ئازايماق.
بەدەندە ئاقسىل ماددىسى ئازلاپ كەتسە، ئادەم ئاجىزلاپ، ھاياتى خەۋپكە يولۇقىدۇ.
بۇ يەرلەر بەك ئاجىزلاپ كەتكەچكە تۈزۈك ھوسۇل ئالالمايۋاتىمىز.
پەسلىمەك، بوشىماق، تۆۋەنلىمەك (ئاۋاز ھەققىدە).
بوۋاينىڭ ئاۋازى بارا - بارا ئاجىزلاپ كېتىۋاتاتتى.
خىرەلەشمەك، نۇرسىزلانماق.
ئۆي ئىچىدىكى جىنچىراغ ئاجىزلاپ - ئاجىزلاپ، ئاخىر ئۆچۈپ قالدى.
كۈچىدىن قالماق، ناچارلاشماق، ئىقتىدارى تۆۋەنلىمەك.
راستىنى ئېيتسام كۆزۈم ئاجىزلاپ قالغانمۇ، زادى سېنى تونۇيالمايۋاتىمەن.