Uyghur主要词典
ئاجىز
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ماغدۇرسىز، زەئىپ.
كۈچسىز بوش:
ئول ديكان شەرھىن قىلاي ئەمدى رەقەم،
گەرچە ئەۋسافىدا ئاجىزدۇر قەلەم.
ئا. نىزارى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئاجىز، كۈچسىز؛ مىيىپ؛ قارغۇ، كۆزى كۆرمەس كىشى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كۈچ - قۇۋۋىتى ئاز.
ئاجىز دۈشمەنمۇ يادىڭدا بولسۇن. قىز بالا ئاجىز نېمە، ئانىسىدىن ئايرىلمىسۇن. كېسەل ئاجىزغا ئېجىل. زەئىپ بولساڭمۇ، رەزىل بولما. مەزلۇمغا زۇلۇم سالغاندىن ئارتۇق رەزىللىك يوق.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
كۈچ - قۇۋۋىتى يېتەرسىز.
قاۋۇل، تېمەن، زەبەردەست، تەمبەل
كۈچ - قۇۋۋىتى يېتەرلىك.
قاۋۇل ئالتە بالىنى ئىشچان ئاتا باقىدۇ. تەمبەل تەنگە باغلىق. تېمەن تېنىمەس. زەبەردەست يىگىت دۈشمەنگە تەسلىم بولمايدۇ. ئاجىز دۈشمەنمۇ يادىڭدا بولسۇن. كېسەل ئاجىزغا ئېجىل. قالىغاچ قارا نېمە، قاناتىدىن ئايرىلمىسۇن، قىز بالا ئاجىز نېمە، ئاناسىدىن ئايرىلمىسۇن. زەئىپ بولساڭمۇ رەزىل بولما. ئۇ پۈۋ دېسە ئۇچۇپ كېتىدىغان ئاجىز ئادەم.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
ئەرەبچە
جىسمانىي جەھەتتىن كۈچسىز، زەئىپ، قۇۋۋەتسىز.
ئاجىز ئايال. تېنى ئاجىز.
ئامالسىز، ئىلاجسىز، نائىلاج، يار - يۆلەكسىز.
خوش، ھەق سۆزنى قىلدىم بېگىم. ئاجىز پۇقرانىڭ تەلىپىنى يەتكۈزدۈم. ئويلاپ كۆرسىلە، قۇرۇق تاغار ئۆرە تۇرمايدۇ - دە!
پەس، بوش، كۈچسىز (ئاۋاز ھەققىدە).
قاياقتىندۇر، ناھايىتى ئاجىز يىغا ئاۋازى ئاڭلاندى.
خىرە، نۇرسىز.
ئاينىڭ ئاجىز نۇرى ئۆي ئىچىگە تۈڭلۈكتىن چۈشۈپ تۇراتتى.
مەلۇم جەھەتلەردە ئىقتىدارىنى قىسمەن ياكى پۈتۈنلەي يوقاتقان، تۆۋەنلىگەن.
ئېلىشانىڭ كۆزى ئاجىز ئىدى.
ماددىي كۈچ ۋە مالىيە كۈچى يېتەرسىز، كەم.
ئۇ ئاجىز دۆلەت.
ئارقىدا قالغان، ناچار، تۆۋەن، يېتەرسىز.
دەرستە ئاجىز ئوقۇغۇچىلارغا ھەركۈنى بىرەر سائەت قوشۇمچە ئۆگىنىش قىلىپ بېرىۋاتىمەن.