ئاينىماقⅠ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① تۈسى، رەڭگى ئۆزگىرىپ، بۇرۇنقى ھالىتىنى، بۇرۇنقى رەڭگىنى يوقاتماق؛ ئۆڭمەك.[يەشمىسى:] ② مىجەز-خۇلقى، ئەدەپ-ئەخلاقى يامانلاشماق، يامان تەرەپكە ئۆزگەرمەك، بۇزۇلماق:[مىسال:] يىراقتىكى دۈشمەندىن، ئاينىپ كەتكەن دوست يامان (ماقال).[يەشمىسى:] ③ پىكرىدىن، نىيىتىدىن، سۆزىدىن قايتماق، پىكرىنى، نىيىتىنى ئۆزگەرتمەك:[مىسال:] مادوتەينىڭ خېتىنى مەندىن ئالدىڭىز، ئەمدى نېچۈن بىلمىدىم ئاينىپ قالدىڭىز[يەشمىسى:] ④ ئەقلىدىن ئازماق، ئېلىشىپ قالماق، ساراڭ بولماق:[مىسال:] ھەي، كىچىك ئەپەندى، قارىغىنا، چوڭ ئەپەندىڭنى ئاينىپ قالدىمۇ نېمە؟[يەشمىسى:] ⑤ ئىلىشماق:[مىسال:] كۆڭلى ئاينىماق.