Uyghur主要词典
ئاينىماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئەسلى ھالىدىن ئۆزگىرىپ قالماق، سۆزىدىن يېنىۋالماق، ۋەدىگە ۋاپا قىلماسلىق.
يالتايغانغا يالۋۇرما. ئاينىپ كەتكەن دوست ئەمەس.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
تۈسى، رەڭگى ئۆزگىرىپ، بۇرۇنقى ھالىتىنى، بۇرۇنقى رەڭگىنى يوقاتماق؛ ئۆڭمەك.
مىجەز - خۇلقى، ئەدەب - ئەخلاقى يامانلاشماق، يامان تەرەپكە ئۆزگەرمەك، بۇزۇلماق:
يىراقتىكى دۈشمەندىن، ئاينىپ كەتكەن دوست يامان (ماقال).
پىكرىدىن، نىيتىدىن، سۆزىدىن قايتماق، پىكرىنى، نىيتىنى ئۆزگەرتمەك.
مادوتەينىڭ خېتىنى مەندىن ئالدىڭىز، ئەمدى نېچۈن بىلمىدىم ئاينىپ قالدىڭىز؟
ئەقلىدىن ئازماق، ئېلىشىپ قالماق، ساراڭ بولماق.
ھەي، كىچىك ئەپەندى، قارىغىنا، چوڭ ئەپەندىڭنى! ئاينىپ قالدىمۇ؟ نېمە؟
ئىلىشماق.
كۆڭلى ئاينىماق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
تۇتماق، ئاۋۇماق، كۆپەيمەك.
خوپ ئاينىدى كۆچەتلەرمۇ چېچەكلەپ، مېۋە ئالدۇق كۈزدە راسا ئېتەكلەپ.
كۈچەيمەك، ئېغىرلاشماق.
ئەنۋەرنىڭ كېسىلى تېخىمۇ ئاينىپ قالدى.