Uyghur主要词典
ئاھ
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
مېھرى، خۇشاللىق، سېغىنىش قاتارلىق ھېس - تۇيغۇنى ئىپادىلەيدۇ.
دەرد - ئەلەم، نالە - پىغان ۋە ئېچىنىش تۇيغۇسىنى ئىپادىلەيدۇ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئېچىنىشلىق ئۆكۈنچ.
ئاھ ئۇرارمەن، ئاھ ئۇرارمەن، ئاھلىرىم تۇتقاي سېنى، كۆز يېشىم دەريا بولۇپ، بېلىقلىرىم يۇتقاي سېنى. ھەسرەت چەككەندىن مۇشت كۆتۈرگەن ئەلا. تەبىئەتتىن غۇرۇر كۆتۈرسە باش، ساپ دىلغىمۇ نادامەت بولغاي يولداش. ئارمىنى يوق ياش، ھەسرىتى يوق قېرى يوق. ئارمان يوق. دەرمان يوق. تېرىغان خامان قىلار، تېرىمىغان ئارمان.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىملىق سۆز
مېھىر - مۇھەببەت، كۈچلۈك ھېسسىيات، سېغىنىش، ئىنتىزارلىق، خۇشاللىق قاتارلىق ھېس - تۇيغۇلارنى ئىپادىلەيدۇ.
ئاھ، جېنىم بالام سېنى كۆرىدىغان كۈنلەرمۇ بولىدىكەن - ھە.
ئېچىنىش، دەرد - ئەلەم، ھەسرەت - نادامەت، نالە - تۇيغۇسىنى ئىپادىلەيدۇ.
<ئاھ> دېسە ئۆپكىسى كۆرۈنۈپتۇ (ماقال).
ئاھ، شۇ كۈنى ئۆزۈمنىڭ نېمە بولغانلىقىمنى ھېچ بىلمىدىم.
نالە، زار، دەرد، پىغان.
يىگىت ئايرىلىش ئازابىدىن بىر ئاھ ئۇرغانىكەن، ئۇنىڭ ئاھى يەتتە قات ئاسماننى، يەتتە قات زېمىننى تىترىتىپتۇ.
ئاھ ئۇرارمەن، ئاھ ئۇرارمەن، ئاھلىرىم تۇتقاي سېنى؛ كۆز يېشىم دەريا بولۇپ، بېلىقلىرىم يۇتقاي سېنى.