Uyghur主要词典
ئاگرىپپىنا
دۇنيا تارىخى
(1) چوڭ ئاگرىپپىنا (مىلادىدىن 14 يىل ئىلگىرى - مىلادى 33-يىلى) قەدىمكى رىمدىكى ئاقسۆڭەك ئايال. ئاگرىپپا بىلەن يۇلىئا (ئاۋگۇستنىڭ قىزى) دىن تۇغۇلغان. گېرمانىكۇ (پادىشاھ تىبېرىي نېرو كائېسارنىڭ جىيەنى) غا ياتلىق بولغان. ئۇ ئېرى بىلەن بىللە ئايلىنىپ يۈرۈپ ئۇرۇش قىلىپ، سۈرىيە قاتارلىق جايلارغا بارغان. ئۇنىڭ ئېرى ئانتىئوككىيىدە تۇيۇقسىز زىيانكەشلىككە ئۇچرىغاندا رىمغا قايتىپ كېلىپ، پادىشاھنىڭ يېقىن ئادىمى سۈرىيە باش ۋالىيسى پىسونى قاتىل دەپ شىكايەت قىلغان ھەمدە ئاقسۆڭەكلەر بىلەن بىرلىشىپ پادىشاھ تىبېرىيغا قارشى تۇرغان. مىلادى 29-يىلى تىبېرىي تەرىپىدىن پەنداتېرىيە (كامپانىيىگە يېقىن بىر كىچىك ئارال) گە سۈرگۈن قىلىنغان، ئۇ شۇ جايدا ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كەتكەن. (2) كىچىك ئاگرىپپنا (15 - 59). چوڭ ئاگرىپپىنا بىلەن گېرمانىكۇنىڭ قىزى. ئىسمى يۇلىئا. ئۇدومىتىئوسقا ياتلىق بولۇپ، نېرونى تۇغقان. ئېرى بىلەن ئاجراشقاندىن كېيىن يەنە پادىشاھ كلاۋدىي Ⅰ گە تەگكەن. مىلادى 54-يىلى كلاۋدىنى زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈپ، ئوغلى نېرونى تەختكە چىقىرىپ، ھاكىمىيەتنى باشقۇرغان. كېيىن ئانا - بالا ھوقۇق تالاشقاندا، ئوغلى نېرو تەرىپىدىن بۇيرۇق بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن.