Uyghur主要词典
ئافرودىتا
دۇنيا تارىخى
قەدىمكى يۇنان ئەپسانلىرىدىكى سۆيگۈ ۋە گۈزەللىك مەبۇدىسى. رىم ئەپسانلىرىدە ۋېنىرا دەپ ئاتىلىدۇ. باش خۇدا زېۋىس بىلەن دىئونېدىن تۇغۇلغانمىش؛ يەنە بىر ئېيتىلىشىچە ئۇ دېڭىز كۆپۈكىدىن تۇغۇلغان< دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇ ئولمىپىپ تېغىدا پەيدا بولغاندا تەڭرىلەرنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بوپتۇ ۋە ئۇلارنى ئۆزىگە جەلىپ قىپتۇ. لېكىن زېۋىس ئۇنى ئىنتايىن سەت تۆمۈرچىلىك ۋە مېخانىكا خۇداسى (ئوت خۇداسى) گېفىستقا ياتلىق قىلىپ قويۇپتۇ. ئۇ ئۇرۇش خۇداسى ئارېسنى ياخشى كۆرۈپ قېلىپ، ئۇنىڭدىن ئىشقىي مۇھەببەت پەرىشتىسى ئېروسنى تۇغۇپتۇ. ئېيتىشلارغا قارىغاندا ترويان شاھزادىسى پارسنىڭ «ئالتۇن ئالما» («ئەڭ گۈزەل مەبۇدە» گە سىمۋول قىلىنغان) نى ئافرودىتقا بېرىشكە ھۆكۈم قىلغىنىغا جاۋاب قايتۇرۇش ئۈچۈن، ئۇنىڭ سپارتا پادىشاھى مېنېلائۇيسنىڭ خوتۇنى ھېلېننى ئەپقېچىشىغا ياردەملىشىپ، ئاخىر يۇنانلىقلارنىڭ تروياغا يۈرۈش قىلىش ئۇرۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانمىش. ئېگېي دېڭىزى رايونى ۋە يۇنانا دۇنياسىدا ئافرودىتقا كەڭ كۆلەمدە چوقۇنۇش بارلىققا كەلگەن، بولۇپمۇ كولنىف شەھىرى، سىپرۇس ئارىلى ۋە سىتېرا (پېلوپوننېس يېرىم ئارىلىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسمى) ئارىلى قاتارلىق جايلار چوقۇنۇشنىڭ مەركىزى بولغان. ئافرودىتا ھەم مول ھوسۇل مەبۇدىسى بولۇپ، ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئۇ شەرقتىكى مەبۇدىلەرنى، مەسىلەن، مېسوپوتامىيە ۋادىسىدىكى ئىستار، فىنكىيىدىكى ئاستارتې ۋە سۈرىيىدىكى ئاتارگاتېس قاتارلىقلارنى مەنبە قىلغان. >ئافرودىتا غەرب ئەدەبىي ئەسەرلىرىدە ئادەت بولۇپ قالغان تېما. مەشھۇر ھەيكەل <مېلوستىكى ئافرودىتا> يەنى <مېلوستىكى ۋېنىرا> پارىژدىكى لوفى سارىيىدا ساقلانماقتا.