Uyghur主要词典
ئافرىكانوس
دۇنيا تارىخى
(مىلادى تەخمىنەن 180 - 250) تارىخشۇناس ۋە ساياھەتچى. لىۋىيىدە تۇغۇلغان. ئاسىيا، مىسىر ۋە ئىتاىيە قاتارلىق جايلاردا ساياھەت قىلىپ، كېيىن پەلەستىندىكى ئېممائۇس شەھىرىدە ئولتۇراقلىشىپ قالغان ھەمدە بۇ شەھەرنىڭ مەمۇرىي ئەمەلدارى بولغان. تەخمنىنەن مىلادى 222-يىلى دىنىي ئەلچى سۈپىتىدە رىمغا بارغان. <يىلنامە> دېگەن بەش توملۇق ئەسىرى بار. ئۇنىڭدا <دۇناينىڭ يارىتىلىشى> (ئۇ بۇ ئىشنى ئەيسا تۇغۇلۇشتىن 5499 يىل بۇرۇن يۈز بەرگەن دەپ قارايدۇ) دىن مىلادى 221-يىلغىچە بولغان تارىخنى بايان قىلغان. بۇ كىتابنىڭ كۆپ قىسمى يوقاپ كەتكەن، يۇسېبىئۇس ۋە باشقىلارنىڭ قەدىمكى ئەسەرلىرىدە ئۇنىڭ بەزى پارچىلىرى ساقلىنىپ قالغان. تۇنجى قېتىم خرىستىئان دىنى يىل ھېسابىنى قوللانغان. يىل ھېسابلاش ئۇسۇلى جەھەتتە مۇئەييەن دەرىجىدە تۆھپە قوشقان. ئۇ ئەڭ دەسلەپكى خرىستىئان دىنىي تارىخچىسى دەپ قارىلىدۇ.