Uyghur主要词典
ئادىل ئەمگەك ئۆلچىمى قانۇنى
领域: دۇنيا تارىخىئەمگەك ۋاقتىغا قاراپ ئىش ھەققى بېرىش قانۇنى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئامېرىكىنىڭ بىر خىل ئەمگەك قانۇنى لايىھىسى. 1938-يىلى 6-ئايدا ماقۇللانغان. ئۇنىڭدا: ياللانما ئىشچىلارنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئىش ھەققى بىرىنچى يىلى ھەر بىر سائىتىگە 25 تىيىن بولۇپ، كېيىنچە 40 تىيىنغا ئۆستۈرۈلىدۇ. ھەر ھەپتىلىك ئىش ۋاقتى ئەڭ كۆپ بولغاندا 40 سائەت بولىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن. كېيىن بۇ قانۇن كۆپ قېتىم تەڭشەلگەن. مەسىلەن: 1950-يىلى ئەڭ تۆۋەن ئىش ھەققى ھەر سائىتىگە 75 تىيىن قىلىپ تەڭشەلگەن. قانۇن لايىھىسى تەتبىقلىنىدىغان ئوبيېكتلار كۆپەيتىلىپ 8 مىليونغا يەتكەن. ھۆكۈمەتنىڭ بارلىق ياللانما خادىملىرى ۋە ئائىلە خىزمەتچىلىرى قاتارلىقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。