Uyghur主要词典
ئادىل
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئادالەتلىك، ئىنساپلىق، ھەققانىي.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئادىل، توغرا، ئادىل كىشى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىش - ھەرىكەتنى ھېچ تەرەپكە يان باسماي، توغرا ۋە مۇۋاپىق ھەل قىلغۇچى.
ۋاقىت ھەممىدىن ئادىل، ئۇ ھېچكىمگە بىر مىنۇت ۋاقىتنىمۇ ئارتۇق بەرمەيدۇ. ھەققانىي ئادەم ھېچقاچان ھىيلە ئىشلەتمەيدۇ. ئادالەتلىك ئېغىزدىن يامان سۆز تارتىنار.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
چىن داۋلى، خالىسلىق، توغرا يول.
ھەقىقەت ئېگىلەر، سۇنماس. تاتلىق سەپسەتىدىن ئاچچىق ھەقىقەت ئەلا. ھەققانىيەت يولىدا جېنىڭنى ئايىما. ھەققانىيەتنىڭ ئۆڭى ئۆچمەيدۇ. سەن ھەر ئىشتا ئادىل بولساڭ، كىشىلەرنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولىسەن. يامانلىققا يامانلىقتۇر مۇكاپات، شۇدۇر دادۇھەققانىيەت، ئادالەت. ئادالەت مەڭگۈ ئۆچمەس يالقۇن. ئادالەت ئىنسانلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ توغرا ئۆلچىمى.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ھەق - ھەقىقەتكە ئاساسلانغان. ئادىل كىشى، ئادالەتلىك ئۇرۇش
ئادالەتسىز، زوراۋان
ھەق - ھەقىقەتكە ئاساسلانمىغان. زوراۋانسىز كىشى، ئادالەتسىز ئۇرۇش
ئادالەتلىك ئېغىزدىن يامان سۆز تارتىنار. ئادالەتلىك يېڭەر، ئادالەتسىز يېڭىلەر. ئادالەتلىك ئىشتا ئاجىز كۈچلۈكنى يېڭىدۇ. ئادالەتسىزنىڭ يۈزى قارا، گۆرى تار. ئادالەتسىز ھۆكۈمراننىڭ ئۆمرى قىسقا. ۋاقىت ھەممىدىن ئادىل. پادىشاھ ئادىل بولسا، پۇقرا مايىل بولار. شەيتانغىمۇ ئادىل بول. ھەققانىي ئادەمنىڭ ھىيلىنىڭ لازىمى يوق. ۋاقىت ئەڭ ئادىل سودىيە. زوراۋان زارىقىپ ئۆلەر.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
ئەرەبچە
بىرەر تەرەپكە يان باسماي، ئادالەت، ھەققانىيەت بىلەن خالىسانە ۋە ھەققانىي ئىش قىلىدىغان، ھەققانىي يول تۇتىدىغان؛ لىللا، توغرا.
ئادىل ئادەم، ئادىل ھۆكۈمەت.
ئەرلەرنىڭ ئىسمى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئەرەبچە
ئادالەتنى ياقلىغۇچى
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
(ئەرەبچە)
ھەققانىي، ئادالەتلىك، ئىنساپلىق، توغرا، ھالال. باشقا شەكىللىرى: ئادىلبەگ، ئادىلخان.