Uyghur主要词典
ئادەم بەدىنى ھۈجەيرىلەردىن تۈزۈلگەن
ھۈجەيرە بىلىملىرى
ئادەم بەدىنىنىڭ تۈزۈلۈشى بىر كورپۇس تۇرالغۇ بىناغا ئوخشايدۇ. بىر كورپۇس تۇرالغۇ بىنادا بىرقانچە ئىشىك، ھەربىر ئىشىكتە يەنە نۇرغۇن ئۆيلەر بولىدۇ؛ ھەربىر ئۆينىڭ ئىشلىتىلىشى گەرچە ئوخشاش بولمىسىمۇ، لېكىن ئاساسىي قۇرۇلمىسى ئوخشاش بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى خىشتىن قوپۇرۇلىدۇ؛ ئىشىك - دېرىزىلىرى ياغاچتىن ياسىلىدۇ، يەرلىرىگە سېمونت سۇۋاق بېرىلىدۇ ۋەھاكازا.
ئادەم بەدىنى1800 تىرىليون دانە ھۈجەيرىدىن تۈزۈلگەن بولۇپ، بۇنى قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى بولغان خىش ۋە ياغاچ ماتېرىياللىرىغا ئوخشىتىشقا بولىدۇ. شەكلى، فۇنكسىيىلىرى ئوخشىشىپ كېتىدىغان ھۈجەيرىلەر ۋە ھۈجەيرە ئارىلىق ماددىلىرى توقۇلمىنى تۈزىدىغان بولۇپ، بۇ توقۇلمىلارنى خىشلاردىن قوپۇرۇلغان تام ياكى ياغاچ ماتېرىياللىرىدىن ياسالغان بىرقانچە دېرىزىگە ئوخشىتىشقا بولىدۇ. كۆپ خىل توقۇلمىلاردىن تۈزۈلگەن ھەمدە مەلۇم فۇنكسىيىنى ئورۇندىيالايدىغان تۈزۈلۈش بىرلىكى ئەزا دەپ ئاتىلىدۇ، مەسىلەن، يۈرەك، ئۆپكە، مېڭە، ئاشقازان قاتارلىقلار. ئۇلارنىڭ ھەربىرىنى بىردىن ئۆيگە ئوخشىتىشقا بولىدۇ. بىر خىل ياكى بىرقانچە خىل فىزىئولوگىيىلىك فۇنكسىيىنى ئورۇنداش ئۈچۈن تۈزۈلگەن بىرقانچىلىغان ئەزالارنىڭ يىغىندىسى سىستېما دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن، ھەزىم قىلىش سىستېمىسى، نەپەسلىنىش سىستېمىسى، ئايلىنىش سىستېمىسى قاتارلىقلار. بۇلارنىڭ ھەربىرىنى بىنانىڭ بىردىن ئىشىكىگە ئوخشىتىشقا بولىدۇ. ئاخىرىدا سەككىز چوڭ سىستېما ئادەمنىڭ پۈتۈن گەۋدىسىنى تۈزىدىغان بولۇپ، بۇلارنى بىر كورپۇس تۇرالغۇ بىناغا ئوخشىتىشقا بولىدۇ (رەسىمدىكىدەك).
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。